تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش − كۈنلىرىمىزنى «قالتىس» قىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، بۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى.

ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى سىيەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى بونىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، سىيەك كەنتىدىكى تۆت كەنت ئاھالىسى شىنجاڭ تيەنرۈن جيەنرۇڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈت كالىسى فېرمىسى بىلەن ئۈچ يىللىق ئىشچى ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىدى.

ھېلىلا توختام ئىمزالىغان مۇختەر ئابدۇرېھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «خوتۇنۇم ئىككىمىز سۈت كالىسى فېرمىسىغا ئىشلىگىلى كەلدۇق، خوتۇنۇم سۈت سېغىش ئىشچىسى بولىدۇ، مەن باقمىچى بولىمەن، ئىككىمىزنىڭكىنى قوشقاندا ھەر ئايدا 7000 - 6000 يۈەن پۇل تاپالايمىز!»

مۇختەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، سۈت كالىسى فېرمىسى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى بىر كىچىك ھويلىلىق پاكىز تۇرالغۇ بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، تاماق ئېتىش، يۇيۇنۇش قاتارلىقلاردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، سۈت كالىسى فېرمىسى يەنە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرسا بولىدىغانلىقىغا، پەرزەنتلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانغا ۋەدە بەردى. «مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن، ئۈچ يىلدىن كېيىن يېڭى ئۆي سالىمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە بېيىيمەن!» گۈزەل ئەتە توغرىسىدا توختالغاندا، مۇختەرنىڭ قەلبى خۇشاللىققا تولدى.

مۇختەر تۇرۇشلۇق سىيەك كەنتىنىڭ %60تىن ئارتۇق يېرى شورلاشقان بولۇپ، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى نىسبەتەن ئاز ئىدى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم!» بۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاپ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، سۈت كالىسى فېرمىسى قاتارلىق ئەتراپتىكى كارخانىلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دەسلەپتە كەنت ئاھالىلىرى كۆزەتتى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى، مىساللارنى سۆزلىشى، كىرىم ھېساباتى قىلىشى ئارقىلىق، كەنتتىكى بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى «سىرتقا چىقىش»نى تاللاپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقىلارمۇ قوزغالدى. بۇ يىل، كەنتتىكى 150 ئادەم ئىشلەمچىلىك قىلىش يولىغا مېڭىپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 3000 يۈەندىن ئاشۇردى.

«ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش غەيرىتى ئاشتى!» لى بو مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا ھەممىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىناۋىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «پاراۋۇز»غا ئايلاندى.

لى بو مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. خىزمەت ئەترىتى چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا <بىرىنىمۇ كەم قالدۇرماسلىق> نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى