تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە <قايتا قاراپ چىقىش> ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش ھەم مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى»نى يەتكۈزدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارغا تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تاپشۇرۇپ، تۈزىتىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى(پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتلىرى(پارتىيە گۇرۇپپىلىرى)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇل يولداش كونكرېت تۇتۇپ، بەنزە ئەزالىرى ماسلىشىپ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى، قولدا تۇتۇشى، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچىنى تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي كۈچەپ، ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك. تۈزىتىشتە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزىتىش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈرئەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، يوچۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، كەمتۈكلۈكلەرنى ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ھازىرقى ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» تەلىپى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىن كېيىنكى داۋاملاشما ياردەم بېرىش - يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي قەرەلىدە تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىر ئائىلىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تاماملاش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى