تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە ئېلېكتىر تورىدا سېتىلغان توك مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.27 ئاشتى

3 - كەسىپنىڭ تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلىدە سېتىلغان توك مىقدارى جەمئىي 31 مىليارد 82 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.27 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 3 - كەسىپنىڭ 1 - پەسىلدە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ 7.31 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

1 - پەسىلدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تۇتۇپ، قوللاش خاراكتېرلىك سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىدا سېتىلغان توك مىقدارى ۋە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدا پۈتۈن ساھەلەرنىڭ ئىشلەتكەن توك مىقدارى 27 مىليارد 672 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %89.03ىنى ئىگىلىگەن؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلەتكەن توك مىقدارى 3 مىليارد 410 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ % 10.97ىنى ئىگىلىگەن.

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىش كالبىرلىق سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلىدە، 1 - كەسىپنىڭ ئىشلەتكەن توك مىقدارى تەخمىنەن 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، پۈتۈن ساھەلەر ئىشلەتكەن توك مىقدارىنىڭ %1.08ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى ئاز بولغان. 2 - كەسىپنىڭ ئىشلەتكەن توك مىقدارى 17 مىليارد 995 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، پۈتۈن ساھەلەر ئىشلەتكەن توك مىقدارىنىڭ %65.03ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.51 تۆۋەنلىگەن. 2 - كەسىپنىڭ ئىشلەتكەن توك مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن بولغان بولۇپ، رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىشىشىقلاش كەسپى، توقۇمىچىلىق كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا توك ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

3 - كەسىپنىڭ ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغان. 1 - پەسىلدە 3 - كەسىپنىڭ ئىشلەتكەن توك مىقدارى 9 مىليارد 377 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، پۈتۈن ساھەلەر ئىشلەتكەن توك مىقدارىنىڭ % 33.89ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.32 ئاشقان. ئاساسلىقى يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقتىن، «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ۋە «بۇلۇت» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن ئاشقان ئىشلەتكەن توك مىقدارى 2 مىليارد 60 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، توك ئىشلىتىش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، سېتىشنى كېڭەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش 1 - پەسىلدە سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شىركەت مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى كېڭەيتىش، ئورنىتىشقا يوللاش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى كېڭەيتىش تۈرلىرىگە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 1 - پەسىلدە 110 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى نۇقتىلىق بەش تۈرنى تاماملاپ، سىغىمىنى 1 مىليون 406 مىڭ كىلوۋولت - ئامپېر ئاشۇردى.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ سەپلىمە كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى توك سېتىشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاھالىلەر تۇرمۇشى، سودا، يېمەك - ئىچمەك، مەكتەپلەرنىڭ پاكىز ئىسسىنىشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سەپلەشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلىدە جەمئىي سەپلىمە توك مىقدارىدىن تەخمىنەن 1 مىليارد 550 مىليون كىلوۋات سائەت ئورۇندىدى.

1 - پەسىلدە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش سىجىل ساقلاپ قېلىنغان. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى ئېلېكتىر تورىنى يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم سورۇنلارنىڭ لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلىش، ئاسراش ۋە جىددىي ئەھۋالدا توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان، 1 - پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى تەخمىنەن 20 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %42.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى تەخمىنەن 4 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %20ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى