تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داقا - دۇمباق چېلىنىپ قۇرۇلۇشلار ئالدىراش باشلاندى  تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يوللار تېخىمۇ راۋانلاشتى

− ئاپتونوم رايونىمىز تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناشنىڭ چوڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

كىران لىملارنى كۆتۈرۈپ جايى - جايىغا قويدى، يول چىڭداش ماشىنىسى ئالدى - كەينىگە مېڭىپ يول ئۇلىنى چىڭدىدى، ئىشچىلار قومۇشتىن قۇم - بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قاشاسى ياتقۇزدى... 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ S1 بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، كىشىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىدە كەينى - كەينىدىن ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلەشتۈرۈش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بىلەن ماس كېلىدىغان چوڭ قاتناش ئەندىزىسى تېزلىكتە شەكىللەنمەكتە.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قاتناش قۇرۇلۇشى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتاي - كۆكتوقاي بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، قۇرۇلۇش خادىملىرى بۆلەك - بۆلەك پولات رېلىسلارنى يول ئۇلىغا ياتقۇزۇۋاتاتتى، پولات ئەجدىھا ئاستا ھەم مۇقىم ئىلگىرىلەۋاتاتتى.

«بىز قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماتېرىيال كىرگۈزۈشنى ئىلمىي تەشكىللەش، قوش ئىسمېنا مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالتاي - كۆكتوقاي بۆلىكىدە 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پويىز قاتناپ تىجارەت باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى رېلىس ياتقۇزۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جياڭ جىشېڭ.

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قاتناش قۇرۇلۇشى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

«بىزنىڭ بۆلەكتە ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى، ھازىر، لوپ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بولغان كۆۋرۈك گۇندىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى تاماملاندى، لىم قۇراشتۇرۇش ئورۇنلىرى كۆۋرۈك لىملىرىنى ياتقۇزۇۋاتىدۇ؛ يۇرۇڭقاش كۆۋرۈكىگە 86 گۇندا لايىھەلەنگەن بولۇپ، جەمئىي 53 گۇندا سېلىنىپ بولدى؛ %96 ئارىلىق يول ئۇلى تىندۇرۇلۇپ بولدى؛ لوپ ۋوگزالىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدىكى يول ئۇلى ئومۇمىي قۇرۇلۇشىنىڭ %95ى تاماملاندى؛ خوتەن شەرقىي ۋوگزالى يول ئۇلى، يول ئۇلى مۇداپىئە - قوغداش قۇرۇلۇشى، قۇم - بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قومۇش قاشاسى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئىدارىسى 1 - شىركىتى خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى S1 بۆلىكى تۈرىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن دىرېكتورى جاڭ تيېفېڭ.

نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش تېخىمۇ تېزلىتىلدى. G30نىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋېڭ ۋېنجۇڭ مۇنداق دېدى: تۈردىكى تونېللارنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى، توپا - ياغاچ قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈرئىتى %80تىن ئاشتى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئۈسكۈنە ۋە خادىملار داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، بۇ يىل قاتناشنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئايروپورت قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئوخشاشلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇ يىل ئىچىدە يەر ئاستى قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ۋە يەر ئۈستى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ %70 قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ، پىلان بويىچە بۇ قۇرۇلۇش 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ.

شىنجاڭنىڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىغا تىرەك بولۇش

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مېلامىن بېسىلغان بىر پويىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، موسكۋاغا قاراپ ماڭدى.

«يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى ئەڭ دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن كۈندە ئۈچ نۆۋەتچى پويىز قاتناشقا كۆپەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى سىجىل تېزلىتىلدى» دېدى شىنجاڭ دالۇچياۋ (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «نام كارتىسى»غا ئايلاندى. بۇ «نام كارتىسى»نى قانداق قىلىپ تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى 12 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى.

نۆۋەتتە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى 21گە يېتىپ، 23 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ، كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات شىنجاڭ ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەندى.

بۇلتۇر، G3012 قەشقەر (يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا قاتناش باشلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تېز شەكىللەندى. شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان چوڭ يول − G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ داخۇاڭشەن - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۈرۈمچى - كۈيتۈن بۆلىكى سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش قاتناش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋاملىق ياسىلىۋاتقان، يېڭىدىن ياسىلىدىغان تاشيول تۈرى 45كە يەتتى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شياۋساۋخۇ - ئۈرۈمچى بۆلىكىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قاتناش باشلاپ، تىجارەت قىلىنىش پىلانلاندى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن - ئاراتۈرۈك - باركۆل - مورى بۆلىكىدە ئاساسىي لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ چوڭ يول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.

شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىتىلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا 21 پۇقراۋى ئايروپورت ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شىنجاڭدا خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 27سى بار بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرگە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى.

«نۇرغۇن قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە پۈتۈشى شىنجاڭنىڭ قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن.

ئىستېرېئولۇق قاتناشتىكى «ئۈچ ئايلانما لىنىيە» قۇرۇلۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» يەر شەكلى مۇھىتىدا، بوستانلىقلار خۇددى چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتتەك ئويمانلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى»نى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، تۆمۈريول «人» خېتى شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز بولغان ھالقىسىمان تور شەكىللەنمىگەنىدى. دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەلىرى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى «ئورىۋالدى»، لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ ئايلانما لىنىيەسى تېخى بارلىققا كەلمىگەچكە، يول ئايلانمىلىرى كۆپ بولسىمۇ قاتناش تېز ئەمەس ئىدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا تەدرىجىي ئايلانما لىنىيەنى شەكىللەندۈردى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنىڭ «قاتناش ئۈچ ئايلانما لىنىيەسى»دىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق تور بارغانسېرى روشەنلەشتى.

تاشيول جەھەتتە، بۇلتۇر نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى شەكىللەندى. بۇ يىل، G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G315 لىنىيەسىنىڭ چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىمۇ تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تورلىرىمۇ روشەنلەشتى.

تۆمۈريول جەھەتتە، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا بۇ يىل پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلىنىپ، تىجارەت قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى) بۇ يىل پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، كېلەر يىلى پۈتتۈرۈش پىلانلانغان خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنى قوشقاندا، ھازىر بار بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ يىل، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە چېتىشلىقلىرىدىن ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا ئايرودۇرۇملىرىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە تاشقورغان، موڭغۇلكۈرە، كېرىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش تۈرلىرى بار بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمى، باركۆل ئايرودۇرۇمى، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ئالتاي ۋىلايىتى ھەممىباب ئايرودۇرۇمى ھەم ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يانداش ئەسلىھە تۈرلىرىدىمۇ ئىش باشلىنىدۇ، نۇرغۇن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، زىچ بولغان شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئايلانما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

«ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ئەشيا ئوبوروتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى پەن فېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى