تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەھەللىلەرنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، مەسئۇلىيەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، تەدبىرلەرنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە دەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ نورمال تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەتنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ تېزدىن مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما، ئىستېمالنى كېڭەيتىش كېرەك. «شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، مۇھىم، زور تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال تۈرتكە بولۇش؛ نامرات رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش، پايدىلىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش؛ 5G قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمەلىي نەرسە ئىستېمالىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەپ، توردىكى يېڭىچە ئىستېمالنى زورايتىپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ گۈللىنىشى، ھاياتىي كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش» تەلىپى بويىچە، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر ۋە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زاپاس تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر ئىشلەش، پۇختا ئىشلەش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بېجىرىش ۋاقتىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، تۈرلەرنى بالدۇر قۇرۇپ چىقىش، بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى