شۈ چىڭگۇاڭ
چىڭمىڭ كەلدى. ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش تېرمىنالىنى ئېچىپ، «بۇلۇتتا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش» ئىمكانىيىتى يارىتىلدى؛ داڭلىق سىن بەھرىلىنىش سۇپىسىدا ئاۋازلىق ئاتكرىتكا چىقىرىلىپ، ئاممىنىڭ قايغۇلۇق ياد ئېتىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىگە قولايلىق يارىتىلدى... يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى «توردا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش» شەكىللىرىنى بېيىتىپ، قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرە يوقلايدىغان، سۈپۈرىدىغان ئادەم سانىنى ئازايتتى، بۇنى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى بەس - بەستە ئالقىشلىدى.
چىڭمىڭ بايرىمى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا چوقۇم ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئېنىق. گەرچە ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۈتۈنلەي غەلىبە قىلغانلىققا باراۋەر ئەمەس، شۇڭا بۇ، ھەرگىز ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرساق بولىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خەۋپ - خەتەر، ئىلگىرىكىدەكلا كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، بوشاڭلىق قىلماي، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ھەربىر ئورۇن، ھەربىر شەخسنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، توردا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش، توردىكى زامان - ماكان ھالقىغان خەت ساندۇقى، كىچىك كۆلەمدىكى ئائىلىۋى ياد ئېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرە يوقلايدىغان، سۈپۈرىدىغان ئادەم سانىنى ۋە قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىدە توپلىشىپ يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۆزى مۇھىم داۋلىنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقتۇر.
يەنە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىياز كۈنلىرىدە قۇم - بوران كۆپ، ئەگەر سىرتتا قەغەز كۆيدۈرۈپ، كۈجە يېقىپ، پوجاڭزا - ساليوت ئاتسا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزىدۇ، يەنە ئاسانلا ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، توردا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش، مەدەنىي قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشنى كۆپرەك تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
«قەبرە يوقلىغاندا قەغەز كۆيدۈرۈلىدۇ، كۈجە يېقىلىدۇ، كۆيگىنى شەكىل؛ مەدەنىي قەبرە يوقلىغاندا، يوقلىنىدىغىنى كۆڭۈل رىشتىسى.» ئەجدادلارنى ياد ئېتىش شەكىلدە ئەمەس، كۆڭۈلدە بولۇشى، «ئادەمنىڭ بېرىشى»دە ئەمەس «كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزۈلۈشى»دە ئىپادىلىنىشى كېرەك، مەيلى قايسى خىل شەكىلدىكى قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش بولسۇن، ئەجدادلارنى ئەسلەش، قەلبىدە مىننەتدارلىقنى ساقلاش چىڭمىڭدا قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشنىڭ يادرولۇق روھى.
(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)