تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 300 مىليارد يۈەنلىك قەرز پۇل مەبلەغ كۆلچىكى بەرپا قىلىپ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق ئالتە بانكا بىلەن سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان مەخسۇس قەرز پۇل تەسىس قىلدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي مىقدارى 300 مىليارد يۈەن بولدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 80 مىليارد يۈەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 60 مىليارد يۈەن، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 20 مىليارد يۈەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 50 مىليارد يۈەن، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 50 مىليارد يۈەن، جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 40 مىليارد يۈەن.

ئالتە بانكا ئاپپاراتى «سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، قەرز پۇلىنى مۇستەقىل تەستىقلاش، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، نۇقتىلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى قوللىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرىدىغان كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەر، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تۈرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئالدىن قوللاپ، قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرى ۋە 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئامبىرىغا قۇرۇلۇش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈشنى پائال قوللىدى.

ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالتە بانكا ئاپپاراتىنى تۈر بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق بانكىسى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ. سىياسەت جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزىدۇ.

ئالتە بانكا ئاپپاراتى ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ئەۋزەللىكى بويىچە كونكرېت خىزمەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇردى. تۈرلەرنى پىلانلاشقا ئالدىن قاتنىشىپ، كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆلچەپ بېكىتىلگەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرگە قارىتا ئىناۋەت بېرىشنى تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئىناۋەت بېرىلگەن ھەم قەرز بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنى ئەڭ ياخشى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قوللاپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن كىرېدىت تارقىتىشنى تېزلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى