تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەقەت «بىر تور»غا چىقىش، پەقەت «بىر قېتىم ئىشىك»تىن كىرىش

− بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

تىجارەت - سودا مۇھىتى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى ئارقىلىق «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قاتارلىق جايلاردا ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا - سانائەت، باج، تاموژنا قاتارلىق تارماقلاردا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىغا نىسبەتەن تۆھپىسى چوڭراق بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگىچە كېڭەيتتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى

بىرىنچى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراماي شەھىرى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تا ئەڭ ئالدىدا ماڭغان شەھەرگە ئايلاندى. «بىز جەمئىي 2490 ئىش تۈرىدە <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش>نى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرىدە <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، 2283 تۈرنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، توردا بېجىرگىلى بولۇش نىسبىتى %91.7كە يەتتى» دېدى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ شيەنشېڭ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، قاراماي شەھىرى مەمۇرىي مۇلازىمەت بايلىقىنى ئەڭ چوڭ چەكتە بىرىكتۈرۈپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ھالقىسىنى ئىخچاملىدى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %42 قىسقارتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ۋاقتى 2.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا «مەبلەغ سېلىشتا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى + ماتېرىيال كەم بولسىمۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى 115 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلدى، مەبلەغ سېلىشتا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ تېز يۈگۈرگەن «قاراماي سۈرئىتى»نى ياراتتى.

ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

«ئىلگىرى تىجارەت كىنىشكىسى، يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسى، دورا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېجىرىشتە ناھايىتى كۆپ يازما ماتېرىيال تاپشۇراتتۇق. مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ يەنە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ساقلايتتۇق، بېرىپ - كېلىپ قاتراپ بىرنەچچە كۈندىمۇ بېجىرىپ بولالمايتتۇق.» بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كاڭكاڭ تېببىي دورا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر توردا تىزىملىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۆيدىن چىقمايلا ئالاقە تورى ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق بولدى».

بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۆ مەنلى مۇنداق دېدى: «بىز <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> ئىش تۈرى تىزىملىكىدىن 1050نى رەتلەپ ئېلان قىلدۇق. پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرونلاشقان رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشتە ئىلتىماس قىلىشتىن كىنىشكىنى ئالغۇچە ئۆيدىن چىقماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردۇق، كارخانىلارنى تىزىملاش ۋاقتىنى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتۇق.» نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 150 مىڭ بولۇپ، پەقەت 2019 - يىلىلا يېڭىدىن تەخمىنەن 20 مىڭى كۆپەيدى.

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

ئىسلاھ قىلىشتىكى مەقسەت دەل ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۆي - مۈلۈك شىركىتىنىڭ خادىمى جاڭ خۇڭۋېي «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئالقىشلاپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئەتىگەندە نومۇر ئېلىپ ئۆچىرەتتە تۇراتتۇق، بىرقانچە ئورۇن، كۆزنەككە قاتراپ، كەچ بولغاندا ئاندىن بېجىرىپ بولاتتۇق. ھازىر توردا ماتېرىيال يوللاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىدا بىر بېكەت شەكلىدە بېجىرىپ، 20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا شىركەتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش رەسمىيىتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئىشلىرىنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ».

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «بىر ئىشىك، بىر تور، بىر كۆزنەك، بىر كارتا، بىر قېتىم»نى تۇتقا قىلىپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇردى.

بۇنىڭ ئىچىدە، «كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش» تەلىپى بويىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كىرىپ ئورۇنلىشىدىغان زالدا كۆزنەك تەسىس قىلىش، ئۇنىۋېرسال كۆزنەككە بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىش، شۆبە مەركەز تەسىس قىلىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش فۇنكسىيەسى بار ئورۇنلارنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى زالىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، كەسىپلەرنى مەركەزلىك بېجىرىشكە ماسلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى مەركەزلىك بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، «كۆپ نۇقتىدا بېجىرگىلى بولۇش» «ھۆكۈمەت ئىشلىرى تاللا بازىرى» پىكىر يولى بويىچە، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان سۇ، توك، گاز، پار، پۇل مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش، نېفىت قاتارلىق كارخانىلارنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى زالىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى شۇ دەرىجىلىك 53 ئورۇن(كارخانا)نىڭ 620 ئىش تۈرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى زالىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، ئورۇنلارنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، ئىش تۈرلىرىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98.7كە يەتتى؛ ناھىيە(شەھەر)لەردىكى تارماقلار ھەم ئىش تۈرلىرىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %90تىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە «ئىككى تەرەپكە قاتراش» «كۆپ قېتىم قاتراش» ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىلدى.

قاراماي شەھىرىدە رايون، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك كەسىپ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، ئامما پەقەت بىر تورغا چىقىپ، پەقەت بىر زالغا كىرىپ، پەقەت بىر كۆزنەكنى ئىزدەپ، پەقەت بىر قېتىم ماتېرىيال تاپشۇرۇپلا، «توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، پۈتۈن شەھەردە بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئامما ئىش بېجىرىشتە تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %35تىن ئارتۇق ئازايتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ماتېرىيالى %60تىن ئارتۇق ئازايتىلدى، نىمكەش ئۆي سودىسى 90 مىنۇتتا بېجىرىلىپ بولۇنىدىغان بولدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۆي - مۈلۈك ئىسپاتى قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە ماتېرىيالنى «نۆل تەمىنلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پەقەت بىر كىملىك بىلەن بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى.

ئىلى ئوبلاستى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق تىجارەت كىنىشكىسىنى بازار سۇبيېكتىنىڭ بىردىنبىر «كىملىك»ىگە، بىرتۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى بازار سۇبيېكتىنىڭ بىردىنبىر سالاھىيەت كودىغا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستىدا جەمئىي 29 مىڭ 81 ئورۇنغا «كۆپ كىنىشكە بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكىدە بىر كود بولغان» تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلدى؛ توردا تىزىملاش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشقان تىزىملاشنى بېجىرگەن ئورۇن جەمئىي 27 مىڭ 535 بولۇپ، توردا بېجىرىش نىسبىتى %84كە يەتتى؛ ئىلتىماس قىلىپ تاپشۇرىدىغان ماتېرىيال ھەم تولدۇرىدىغان سانلىق مەلۇمات تۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىسقارتىلدى، رويخەتكە ئېلىش ۋاقتى 20 - 15 خىزمەت كۈنىدىن بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، ئۇنىۋېرسال تىزىملاش ئۈنۈم ئىقتىدارى %70تىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلدى.

ئەلالاشتۇرۇلغان تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ يۈنكې ئۇرۇقچىلىقىنىڭ مەسئۇلى جاڭ گۇاڭجۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئۇرۇقلۇق كارانتىن كىنىشكىسى بېجىرمەكچى بولغاندا، ئىلى ئوبلاستلىق مەمۇرىيەت مۇلازىمەت زالىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا كۆزنىكىگە مۇددەتتىن بۇرۇن تېلېفون بەردۇق، كىنىشكىنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولدۇق، ۋاقتىمىز تېجىلىپلا قالماي، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىمۇ ياخشى بولدى، بىز ئىنتايىن رازى بولدۇق، سېلىنمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز».

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» بىرىكمە كۈچ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىش بېجىرىش ئىش تۈرلىرى ئۆلچىمى ۋە كۆرسەتمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشىكتە مۇلازىمەت قىلىش»، توردا، تور سىرتىدا ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىكەن. لېكىن نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز پەقەت ئومۇمىي ئىش تۈرى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىش تۈرلىرىنى رەتلەش، تونۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ۋە ئېلان قىلىش ئۆلچىمى تېخى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئاممىنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئىسلاھات ئىشخانىسى) ماسلاشتۇرۇش 2 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شيې بىڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر قاتلىمىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى «توپلاش، راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلىتىش»نى ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىدە بار بولغان كەسىپ سىستېمىسى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر قېتىملا تورغا چىقىش، بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»كە تۈرتكە بولىدۇ. «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «بىر كۆزنەك» شەكلىدە كارخانا قۇرۇش، كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرىدە «يۈرۈشلۈك تاماق» شەكلىدىكى مۇلازىمەت، مەبلەغ سېلىشتا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى پائال قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشلا ئەمەس. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇلازىمەت باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىر يۆنىلىشتە كۈچەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ ساھەدە بىرلا ۋاقىتتا كۈچەپ، شىنجاڭچە «ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئىسلاھاتى + خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى + جەمئىيەت ئىدارە قىلىش» «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھات ئەندىزىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى