تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى تاتلىق ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋشىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىلنىڭ بېتوننى قۇيۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولغان تاتلىق ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاساس سېلىندى.

جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى S6 بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى بيەن داشيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: تاتلىق ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى چاقىلىق − نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ھەمدە دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسىنى ئاتلاپ ئۆتىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2888.78 مېتىر. شۇ كۈنى تۇتاشتۇرۇلغان قىسمى بۇ كۆۋرۈكنىڭ تۇتاش لىمى بولۇپ، تۇتاشتۇرۇلغان بۆلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر.

«بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى بۇلتۇر باشلانغان، قىشتا بىز ئىسسىق لاپاس ياساپ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. يۇقۇم قۇرۇلۇش مۇددىتىگە بىر ئايغا يېقىن دەخلى قىلدى، 3 - ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، خادىملارنى كۆپەيتىپ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى چوڭ كۆۋرۈكنى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇردۇق» دېدى بيەن داشيەن.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ S6 بەلگە تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 155.75 كىلومېتىر بولۇپ، بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، نۆۋەتتە پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا پىلان بويىچە رېلىس ياتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، S6 بەلگە تۈر بۆلۈمى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، يېپىق ھالەتتە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانغا كىرگەن ھەربىر خادىمنىڭ سەپەرگە چىقىش ئىزىغا قارىتا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتە چىڭ تۇردى، بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.476 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم رايون يول تورى غول لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆمۈريول ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ بىر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى