تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۇ جاۋيۈ: تىنچلىق ئابىدىسىگە ئويۇلغان شانلىق نام

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن يۇڭچياڭ

دۇ جاۋيۈنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

ھەريىلى چىڭمىڭدا، جۇڭگونىڭ لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى خىيام بازىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، لىۋاندا قازا قىلغان جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش قەھرىمانى دۇ جاۋيۈگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.

ھەممە يەرنى قاپلىغان خارابىلىك ۋە خىش پارچىلىرى ئەينى يىلدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ تۇراتتى − 2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىدە، دۇ جاۋيۈ تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىش قاراۋۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، قاراۋۇللۇق ئورنىدىكى دۇ جاۋيۈ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئۈچ ھەربىي كۆزەتكۈچىسى تەڭ قازا قىلغان، ئۇنىڭ ھاياتلىق سەپىرى 34 يېشىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالغان.

دۇ جاۋيۈ، شەندۇڭ زىبودىن، 1972 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، 1990 - يىلى 9 - ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن سابىق ئازادلىق ئارمىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 1993 - يىلى 2 - ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا سەنموۋ بولغان.

2005 - يىلى 12 - ئايدا، دۇ جاۋيۈ ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۆزەتكۈچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان تۇپراققا قەدەم قويغان. ئۇ ئەڭ جاپالىق خىيام قاراۋۇلخانىسىغا بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرغان. بۇ قاراۋۇلخانا شەرقتە جۇلان ئېگىزلىكىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە، لىۋان، سۇرىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت چېگرالانغان جايغا جايلاشقان، ئەتراپى ئەزەلدىن لىۋان - ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى ئەڭ تالاش - تارتىش بولىدىغان، قوراللىق توقۇنۇش ئەڭ كەسكىن بولىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

سەككىز ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، دۇ جاۋيۈ قاراۋۇلخانىدىكى باشقا كۆزەتكۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىلگىرى - كېيىن 150 قېتىمدىن ئارتۇق چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، جەمئىي مۇساپىسى 16 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن، يۇقىرىغا 200 پارچىدىن ئارتۇق كۆزىتىش دوكلاتى يوللىغان ھەم كۆپ قېتىم ئېغىر، زور ۋەقە ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. شۇ ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتىنىڭ سەنموۋجاڭى لىرېر شاۋجاڭ كۆپ قېتىم دۇ جاۋيۈنى «ئىپادىسى گەۋدىلىك، ئىنتايىن مۇنەۋۋەر» دەپ تەرىپلىگەن، ئۇ تۇرۇشلۇق قاراۋۇلخانىنى ۋەزىپە رايونىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر قاراۋۇلخانا» دەپ ماختىغان.

2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئىسرائىلىيە - لىۋان توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى تېز كۈچەيگەن، خىيام قاراۋۇلخانىسى زەمبىرەك ئوتى ئىچىدە قالغان. ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا، دۇ جاۋيۈ باشتىن - ئاخىر خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، دائىم توپ ئوقىغا قارىماي دىجورنىلىق قىلىپ چارلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلغان.

توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يامانلاشقان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بارلىق قاراۋۇلخانىلاردىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئادەم سانىنى بەشتىن تۆتكە ئازايتىشنى قارار قىلغان. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بىر ئاۋسترىيەلىك كۆزەتكۈچى توپ ئوقىغا قارىماي پوست ئالماشقىلى كەلگەن، ئەسلىدىكى بەش كىشىنىڭ ئىككىسى نۆۋەت بىلەن پوست ئالمىشىپ كەتسە بولاتتى. دۇ جاۋيۈ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاغرىپ قالغان ئاۋسترالىيەلىك ئايال كۆزەتكۈچى بىلەن ياشقا چوڭراق ئىرېلاندىيەلىك كۆزەتكۈچىگە ئالدى بىلەن چېكىنىپ دەم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

خەتەرلىك پەيتتە، دۇ جاۋيۈ ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆلۈم تەھدىتىنى ئۆزىگە قالدۇرغان. «مەن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كەلدىم»، بۇ، دۇ جاۋيۈنىڭ شۇ جايدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى.

شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، قاراۋۇلخانا تۇيۇقسىز ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۈچى غايەت زور بومبىدا پارتلاپ چوڭ ئازگالغا ئايلىنىپ قالغان. ئىس - تۈتەك تارقىغاندىن كېيىن، دۇ جاۋيۈ يەر ئاستى ئاكوبىدىكى خىزمەت ئورنىدا يىقىلغان، ئىسسىق قېنى كۆك رەڭلىك بېرىت شەپكىسىنى قىزىلغا بويىغان، مىسەيفۇسىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا سىڭىپ كەتكەن. خارابىلىكتە دۇ جاۋيۈنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتىغا يازغان شۇ كۈنلۈك ئەھۋال دوكلاتى چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، يەنە پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەن كۆزئەينەكمۇ بار ئىدى...

رەھىمسىز توپ ئوقى 34 ياشلىق ھاياتنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قەيسەر ئەزىمەتنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى ئېلىپ كېتەلمىدى: «ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇرۇشنى پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنى توسۇش».

شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە سەپداشلىرى ئىنتايىن ئېچىنغان. ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، قوشنىلىرى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن جاۋيۈگە بولغان ھېسداشلىقى، قىيالماسلىقى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە، ئىتالىيە، ھىندىستان، نىگېرىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق جاۋيۈگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇ جاۋيۈگە داگ خاممارسكجولد ئوردېنىنى تولۇقلاپ بەرگەن.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش سەنموۋبۇسى دۇ جاۋيۈنى 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالدى. ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كېلىندى، سابىق باش سەنموۋبۇ جىڭشى مېھمانسارىيىنىڭ زالىدا داغدۇغىلىق تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

دۇ جاۋيۈ ئۆزىنىڭ قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى ئارقىلىق جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ مەردانىلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى شەرھلەپ بەردى، شۇنداقلا خىزمەتداشلىرىنى داۋاملىق ھاياتى بەدىلىگە تىنچلىق ساقلاش بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى. دۇ جاۋيۈنىڭ شانلىق نامى ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى