ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات كامېراسى ئالدىدا، بىر قوڭۇر ئېيىق توختىماي يېمەكلىك ئىزدەۋاتاتتى. كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ھەقىقەتەن يېگىلى بولمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئاستا ئېرغاڭلاپ ئاپپارات يېنىدىن ئايرىلدى.
يېقىندا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋان قوڭۇر ئېيىقنىڭ سۈرەت ماتېرىيالى بايقالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قوڭۇر ئېيىقنىڭ ئوبراز سۈرىتىنىڭ خاتىرىلىنىشى ئىكەن.
ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات كۆزىتىپ بايقىغان يىلپىز
مۇخبىرنىڭ شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بەنفاڭگۇ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەۋەلىكتىكى ئورمان رايونىدا يىلپىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ شۆبە ئىدارە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تەۋەلىكتىكى ئورمان رايونىدا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تەكشۈرۈپ كۆزىتىش تۈرىنى يولغا قويغان ھەمدە يىلپىزنىڭ پائالىيىتى زىچ رايونغا 30 يۈرۈش ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرغان.
يېقىندا، خىزمەتچى خادىملار قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتىكى تەسۋىر ماتېرىياللىرىدىن قوڭۇر ئېيىقنى بايقىغاندىن باشقا يىلپىز، بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، سۇغۇر، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ئۇلار، تاغ كەكلىكى، تىيىن قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆرگەن.
ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا كۆزىتىلگەن سۇغۇر
ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا كۆزىتىلگەن ياۋا توڭگۇز
ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا كۆزىتىلگەن تاغ كەكلىكى