تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شى جىنپىڭ نىڭبو بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت مەركىزىدە، باغچە رايونىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مەسئۇللىرى ۋەكىللىرى، باشقا جايلاردىن جېجياڭغا قايتىپ كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شى جىنپىڭ خۇجوۋ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسى تيەنخۇاڭپىڭ بازىرى يۈسۈن كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نېلۇپەر كۆلچىكىنى تازىلاۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى ئەھۋالىنى سورىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «سەككىز سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئېقىننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىش كېرەك.

باھار نۇرىغا چۆمگەن 3 - ئايدا، جېجياڭ تۇپرىقىدا رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چې جۈن ۋە ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نىڭبو، خۇجوۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، پورت، كارخانا، يېزا، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شى جىنپىڭ نىڭبو جوۋشەن پورتى چۇەنشەن پورت رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. چۇەنشەن پورت رايونى تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇرلا ئەسلىگە كەلتۈردى، پورتنىڭ كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، دائىملىق سەۋىيەگە يەتتى. كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش زالىدا، شى جىنپىڭ پورت رايونىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. 1 - قەۋەتتىكى زالدا، شى جىنپىڭ پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇ كەلگىچە توغان سېلىپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان تۈرلۈك چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مال تىرانسپورتىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، تۈگىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ چىقىرىلىشى، ئىمپورت ماللىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ چۇەنشەن پورت رايونى 2 - نومۇرلۇق كونتېينېر قويۇش ئورنىغا كېلىپ، يامغۇرغا قارىماي پىرېستاندىكى نەق مەيداندا كونتېينېر مەشغۇلات كۆرۈنۈشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پورتنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورت ئۇل خاراكتېرلىك، تۈگۈن خاراكتېرلىك ئەسلىھە، ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. نىڭبو جوۋشەن پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، «كۈچلۈك، يادرولۇق» كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پورتنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلۈك پورت بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

پورت رايونىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ نىڭبو بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونىغا بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پۇقراۋى ياسىمىچىلىق كارخانىسى بولغان نىڭبو جېنجى مېخانىكا قېلىپى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھەم ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان - بولمىغانلىقىنى، ئىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى، مائاش تارقىتىشنىڭ نورمال بولغان - بولمىغانلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەم كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى، دۆلەت ئۈچۈن ياخشى ھەم ئۆزى ئۈچۈن ياخشى. كارخانىلار نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسە، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، كۆپچىلىككە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى بار بولىدۇ، ئائىلىسى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جانلىق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش، توختىماي ئالغا بېسىشقا ماھىر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىدا، چوقۇم قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالالايدۇ.

باغچە رايونى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم باغچە رايونىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مەسئۇللىرى ۋەكىللىرى، باشقا جايدىن جېجياڭغا قايتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەيدان تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ئاتتى، يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يەنە ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئالاھىدە ئويلىشىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى چىقىرىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا مەدەت ۋە ياردەم بەردى. كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىرىشىپ يۇقۇم خىرىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كېرەك.

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شى جىنپىڭ خۇجوۋ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسى تيەنخۇاڭپىڭ بازىرىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2005 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بۇ كەنتتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. 15 يىلدىن بۇيان، يۈسۈن كەنتى قەتئىي ھالدا بۇ ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولۇش، كەسىپلىرى گۈللەنگەن بولۇش، پۇقرالىرى باي بولۇشتەك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى يۈسۈن كەنتىدە رېئاللىققا ئايلاندى. كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، كەنت ياپيېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن يولىنى بويلاپ، كەنت قىياپىتى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نېلۇپەر كۆلچىكىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئېتىز ياقىسىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى ئەھۋالىنى سورىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولدى، گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ، باش شۇجىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

چۈنلىن ئارامگاھى يۈسۈن كەنتى كاننى تاقاپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى پۇقراۋى قونالغۇ. ئارامگاھنىڭ ئىگىسى قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىنى قورۇغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تىجارەت ۋە ئاق چاي قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. قورۇدا، شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم شۇجىسى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق. يۇرتداشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى ئاسراش ئالدىنقى شەرتىدە كۆپ خىل ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ھەم شەھەرلەر زامانىۋىلاشقان بولۇشى، ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشقان بولۇشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا - كەنت ئىقتىسادى، يېزا - كەنت قانۇنچىللىقى، يېزا - كەنت مەدەنىيىتى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش، يېزا - كەنت ئېكولوگىيەسى، يېزا - كەنت پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەلىك جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - پەسەيتىش مەركىزىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالىرىنى بىر بېكەت شەكىللىك قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - پەسەيتىش، تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىشى بىلەن ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - پەسەيتىش، تۈگىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەسىلىگە يولۇققاندا «جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغان» جايىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا پەسەيتىش، تۈگىتىش كېرەك. ئەنجى ناھىيەسىنىڭ ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ.

خاڭجوۋ شىشى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شىشى سۇلۇق يېرىنى تۇمان قاپلاپ يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، سۇ ۋە ئوت - چۆپلەر گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، لۈدى، فۇدى توسمىلىرىنى بويلاپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. يول بويى ساياھەتچىلەر بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە پات - پات قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. لۇڭجىڭ چېيىنى قورۇپ تەييارلاش ۋە شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يايما ئورنىدىن ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆردى، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇلۇق يەرنىڭ قىممىتى ئەسلىي ھالىتىدە بولۇپ، ئەسلىي ھالەت ساياھەتنىڭ كاپىتالى، ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ، زىيادە تاۋارلاشتۇرۇپ ئېچىشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ، خۇسۇسىي ئارامخانا بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، باغچىنى خەلق ئاممىسى ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېشىل بوشلۇققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ سۇلۇق يەرنىڭ جېنى، تەبىئىي ئېكولوگىيە گۈزەللىكى شىشى سۇلۇق يېرىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم گۈزەللىكى. قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتىنى ساقلاش كېرەك. شىخۇ كۆلى ۋە شىشى سۇلۇق يېرىنى ياخشى قوغداشنى خاڭجوۋنىڭ شەھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئىدارە قىلىشىنىڭ روشەن يۆنىلىشى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ئورتاق ياشايدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن خاڭجوۋ شەھەر چوڭ مېڭە يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، «توسۇلۇشنى رەقەملىك تۈزەش»، «شەھەرنى رەقەملىك ئىدارە قىلىش»، «يۇقۇمنى رەقەملىك تىزگىنلەش» قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىدىن پايدىلىنىپ قاتناش، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، رايون بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقىچە ئاندىن ئاقىللاشتۇرۇشقىچە، شەھەرنى تېخىمۇ ئەقىللىقراق، تېخىمۇ ئاقىلراق قىلىش شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق. شى جىنپىڭ خاڭجوۋنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسى قۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جېجياڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر مەزگىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، چېگرا ئىچىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن چېگرا سىرتىدا يۇقۇم تېز يامراۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىش خەۋپى زور دەرىجىدە ئېشىشقا دۇچ كەلدى. جەزمەن سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۇختا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ئىزچىل چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە جەمئىيەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى ھازىرقى ھەتتا خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى قۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق يوچۇق كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىرىزىس بىلەن پۇرسەت ھامان تەڭ پەيدا بولۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كىرىزىسنى يېڭىشنىڭ ئۆزى پۇرسەت. چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى، يامرىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىغىمۇ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك دەڭسەپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كۆز ئالدىدىكى كىرىزىس، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقتىن پۇرسەتنى تۇتۇشقا ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى پائال تۈگىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدىغان، كىرگۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ياراتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھاياتلىق - ساغلاملىق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق نەتىجىلەرنى تېز قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن يول تېپىش، تەجرىبە تەقدىم قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىنچ مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت كۈچىنىڭ بىرىنچى سەپكە چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى شەھەر - يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، «مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل يېزا - كەنت، گۈزەل شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا - سانائەت كاپىتالى، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ «تاغلارغا چىقىشى، يېزىلارغا چۈشۈشى»گە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «ئاشلىق»، «كۆك - تاق»لىرى جەھەتتە مالنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ «ھەميېنى»نىڭ تومپىيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەرقىي - غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ماسلىشىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش، نىشانلىق ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نىشانلىق رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جېجياڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، بايلىقنى تېخىمۇ زورايتىپ، يېشىللىقنى جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان رەڭگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي سىنايدىغان سىناق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دائىملىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۆپرەك رىشتە باغلىشى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەشكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاممىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك. دىققەتنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، نىشانلىق داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلدۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.