تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 83- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 83 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق، «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش تىجارەت مەركىزىنى مەركەزلىك ئۆزگەرتىپ، قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، نامرات كەنتلەردىكى بېيىش باشلامچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدىكى تىجارەتلەرگە قاتنىشىشقا ئالدىن جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك ماركېتىڭ مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرما يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «چىقىرىش»نى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ. ئات كۆپەيتىش ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات ئات بازىسى قۇرۇلۇشى ھەم ئاتچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئات مەدەنىيىتى ساياھىتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى پائالىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات تايانچ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پايدىلىق مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بەرپا قىلىش، يولغا قويۇشنىڭ تۈزۈم ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈك پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى