تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مېنىڭ بۇ يەردە يېڭى ئۆيۈم بار بولدى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشلەمچى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئالاقىدار مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مېخانىزم ئورنىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىشلەمچى خادىملار بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇندىكى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى.

يېڭى خىزمەت ئورنىدا، كۆپلىگەن ئىشلەمچى خادىم چىن كۆڭلىدىن مەمنۇن بولۇپ: «مېنىڭ بۇ يەردە يېڭى ئۆيۈم بار بولدى» دېيىشتى.

يېمەكلىك سېخىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىش

پارقىراپ تۇرغان داتلاشماس پولات مەشغۇلات سۇپىسىغا مۇئېر، قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق پىششىقلانغان تەييار مەھسۇلاتلار دۆۋىلەنگەن بولۇپ، ئىشچىلار كۆك رەڭلىك چاڭ - توزاندىن مۇداپىئەلىنىش دوپپىسىنى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، سۇپا ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى سولياۋ ئورۇما خالتىغا قاچىلاپ پېچەتلەۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن ھۈسەنجان ئابلا ئۇستازىدىن ئوراپ قاچىلاش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتاتتى، بۇ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قورغاستىكى بىر يېمەكلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدىكى كۆرۈنۈش.

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ھۈسەنجان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە قورغاس شەھىرىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى. «پويىزغا چىققان چاغدىلا يېڭى خىزمەت ئورنىغا بارغاندا چوقۇم ياخشى ئىشلەشنى ئويلىشىپ بولغانىدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن زاۋۇتقا كىرگەن خادىملار بىلەن بىرلىكتە تەربىيەلەنگەندىن كېيىنلا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتىم، ھازىر مەن بۇ يەردىكى خىزمەتكە ماسلىشىپ بولدۇم. زاۋۇت مېنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان ئائىلەم، شۇنداقلا مېنىڭ ئارزۇيۇم باشلانغان جاي».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت ئاساسلىقى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، كىراخمال مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىكەن، ھازىر شىركەت زاكاز تالونى بويىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم يۆتكەلگەن ئىشلەمچى خادىملار قورغاس شەھىرىدىكى نۇرغۇن كارخانىدا ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ياقا يۇرتلاردا كۈرەش قىلىشتىكى تايانچ نۇقتىسىنى تاپتى.

كوپىراتىپتا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن ئىشلەش

«بۇ يەردە ياخشى يەپ، ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، ياتاقتا ئايرىم ھاجەتخانا بار، يەنە مۇنچا بار، خالىغان ۋاقىتتا يۇيۇنغىلى بولىدۇ. ياتاقتا يوتقان، ئىستاكان، ساپما كەش قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مەتياسىن سايىتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئالتە كۈن ئىلگىرى ئۇ چىرا ناھىيەسىدىن خېجىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشچى بولغان.

«ئاپتوبۇستىن چۈشسەملا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئاكا - ھەدىلەر مەندىن چارچىدىڭىزمۇ، قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ دەپ سورىدى، ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاشلا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.» مەتياسىن مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ شاۋپىڭ دائىم بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قانداق قىيىنچىلىقىڭ بولسا دېگىن» دەيدۇ.

«بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇ ياشلارنىڭ بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىزگە قوشۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تېزدىن ماسلىشىشى ئۈچۈن، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى يېڭى قورۇما تىزىملىكى تۈزدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەربىيەلەش پىلانى تۈزدى، ئۇلارغا پۇتۇڭخۇا ئۆگەتتى، كوپىراتىپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى چۈشەندۈردى.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن لېي مۇنداق دېدى: «بىز يەنە بىرگە بىر شاگىرت يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشلەمچى خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىدۇق».

«بىز ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىش ئورنى ئۇچۇر ئەھۋالىنى قېزىپ چىقتۇق، ھازىر پۈتۈن ناھىيەدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار ئىچىدىن بىر تۈركۈم ئىش ئورۇنلىرىنى تاللاپ چىقىپ، ئىشلەمچى خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيپىڭ.

شەھەرگە سىڭىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىش

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئىشلەمچى خادىم قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونىغا كەلدى.

«گەرچە يۇرتۇمدىن بىرىنچى قېتىم ئايرىلغان بولساممۇ، بىراق بۇ جايدا ئىشلارنىڭ ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم خېلىلا ئەمىن تاپتى» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن بۇرابىيە ئەخەت 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇخبىرغا.

«بىز مەركەزلىك تەربىيەلىنىۋاتىمىز، كېيىن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەيمىز.» بۇرابىيە مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرىنىڭ يوللىرى كەڭ، ئىمارەتلىرى ئېگىز ئىكەن، كەچتە چىراغلار رەڭگارەڭ يېنىپ، ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن، ئۆزۈممۇ بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.

«ئالدىنقى يىللاردا كەلگەن ئىشلەمچى خادىملارنىڭ بۇ جايدا ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى، ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ دۇكان ئاچقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن» دېدى بۇرابىيە.

«بىز مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، ئىشلەمچى خادىملارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، يېڭى تۇرمۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىمىز.» قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دىڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشلەمچى خادىملارغا قارىتا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى بىر ئايلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشقا تېزدىن ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرگە بالدۇرراق سىڭىشىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى مەلىكە، ۋېي يۈەن، جۇ يۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى