4-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارا يېزىسى شىنتارا كەنتىدىكى گىلاس پارنىكىدا، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار بىرلىكتە گىلاسنىڭ چېچەكلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چاڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەرلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى، گىلاس، سېرىق توغاچ، ياۋروپا ئالۇچىسى، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەرنى يېتىشتۈردى ھەمدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كادىرلىرى، تېخنىكا تايانچلىرىنى نەق مەيداندا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىر جيا خۇڭمىڭ فوتوسى
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى