4- ئاينىڭ 1-كۈنى، چايچى دېھقان خۇاڭشەن شەھىرى فۇشى يېزىسىدىكى چايزارلىقتا چاي ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرى فۇشى يېزىسى جۇڭگودىكى داڭلىق چاي خۇاڭشەن ماۋفېڭ چېيىنى مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون. بۇ جاي نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پائال ئىزدىنىپ، چاي كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا رىغبەتلەندۈردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭى چايلىرىنى بازاردىكى سېتىۋېلىش باھاسىدىن %10 يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، 215 نامرات ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 1200 يۈەن ئاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جوۋ مۇ فوتوسى)