تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شېن جۈن خەۋىرى): قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چارىلىرى بار. شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى يالغۇز ئۆرۈك كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، بۇلتۇر ئاران نامراتلىق سېپىدىن چېكىنىپ چىقتى.
ھازىر ياڭاقنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، يالغۇز ئۆرۈك كەنتىدىكى بىر ياڭاقلىقتا، كەنت ئاھالىسى سەيپىدىن ياسىن بۇ يىل ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاك-گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى چاچماقتا ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا بۇلتۇر كەنتتىكى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭ ياڭىقىنىڭ مو بېشى كىرىمى 500 يۈەن ئاشقانلىقىنى، بۇ يىل ئۇنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى دىيانەت باغۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم ئابلىمىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 360 مو يېرىنى ھۆددىگە ئالدى ھەمدە سىرتقا چىقالمايدىغانلارنى كوپىراتىپقا تەكلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا چەت-ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئىشچىلاردىن جەمئىي 20سى بار.
ھازىر، يالغۇز ئۆرۈك كەنتىدە 260 ئادەم يېقىن ئەتراپتا ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، چەت-ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەردىن بىر كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.