تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۆلياڭ تاغلىق رايونى نامراتلارنى يۆلەپ بېيىتىش يولىنى ئاچتى

  بۇ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىلىق بازار تۇرۇشلۇق جايدىن تارتىلغان تيەنيوۋ كەنتىگە تۇتىشىدىغان تاشيولنىڭ سۈرىتى. ( ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى خەۋىرى: يۆلياڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان گۇيجوۋ چيەندۇڭنەن مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى 20 ئېغىر نامرات يېزا-بازارنىڭ بىرى. جياميەن يېزىسىنىڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر بولۇپ، قاتناش بىر مەزگىل شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى  چەكلەپ قويغان «بوغما ئېغىزى» ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىق» بولۇپ قالغانىدى.

  2016-يىلىدىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ۋە نازارەتكە قاراشلىق ھەر قايسى ئورۇنلار جياميەن يېزىسىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك يوللارنى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ ياساشقا ياردەم بېرىپ، يۆلياڭ تاغلىق رايونىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاغلىق رايوندىن چىقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى بېيىش يولىنى ئاچتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)

  گۇيجوۋ كۆۋرۈك گۇرۇھى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ ياسىغان زەيبيەن بازىرىدىن جياميەن يېزىسىغىچە بولغان 2-دەرىجىلىك تاشيول (3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى.

  ئۈستىدىكى سۈرەت: 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى بەيباڭ كەنتىدىكى يېڭىدىن ياسالغان كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولدا يۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)؛

  ئاستىدىكى سۈرەت: 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى بەيباڭ كەنتىدىكى پاتقاق يولدا ماڭماقتا. (سۈرەتنى گۇيجوۋ كۆۋرۈك گۇرۇھى تەمىنلىگەن). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى.

  ئۈستىدىكى سۈرەت: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئېتىزدىن قايتقان كەنت ئاھالىسى سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى جېنيۇۋ كەنتىدىكى يېڭىدىن ياسالغان كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولدا يۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)؛

  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى جىنيۇۋ كەنتىدىكى پاتقاق يول. (گۇيجوۋ كۆۋرۈك گۇرۇھى تەمىنلىگەن) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.

  ئۈستىدىكى سۈرەت: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەم-خەشەك تەڭشىگۈچى سۇڭجياڭ ناھىيەسى جياميەن يېزىسى داڭۋېڭ كەنتىدىكى توخۇ باقمىچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا توخۇلارغا يەم بەرمەكتە؛

  ئاستىدىكى سۈرەت: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان گۇيجوۋ كۆۋرۈك گۇرۇھى ياسىغان زەيبيەن بازىرىدىن جياميەن يېزىسىغىچە بولغان 2-دەرىجىلىك تاشيول، يول بويىدىكى جياميەن يېزىسى داڭۋېڭ كەنت ئورمانلىقىدىكى توخۇ باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ سۈرىتى. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان.) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى