تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جېجياڭ خۇجوۋ: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى لاڭتيەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار بالىلار كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى لاڭتيەن كىيىم-كېچەك شىركىتى 2-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، كۆپ خىل توردا سېتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىركەتنىڭ تور سىرتىدا پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەھسۇلات سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. 

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرىنىڭ ۋۇشىڭ رايونى جىلى بازارلىق ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال ياردەم بېرىپ، ئاپتوموبىلنى ھۆددىگە ئېلىش، ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىش، ياتاق شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ قايتا ئىش ئورنىغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلاملىق كودى ۋە يېپىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش» سۇپىسىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، جىلى بازىرىدىكى 131 كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا ۋە 13 مىڭ بالىلار كىيىم-كېچەك كارخانىسىنى پائال يېتەكلەپ، كارخانا ۋە بازارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى لاڭتيەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مال تارقىتىش ئامبىرىدا، خىزمەتچى خادىملار مال ئايرىماقتا. 


3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى لاڭتيەن كىيىم-كېچەك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق خېرىدارلارغا يېڭى پاسوندىكى يازلىق بالىلار كىيىمىنى تونۇشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى