تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا سارايلار ئارقا-ئارقىدىن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ «يۈكىنى يېنىكلەتتى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز چىن پېڭ، دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): «كارخانا بىر ئايلىق ئىجارە ھەققى، خوجىلىق ھەققى ھەمدە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى، قېيىنچىلىقىمىز ئازىيىپ، بىسىمىمىز يېنىكلىدى» دېدى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىكى چېڭ جىچياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

  دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىكى بالىلار بۇيۇملىرى دۇكىنىدا، خىزمەتچى خادىم مال جازىسىدىكى تاۋارلارنى رەتلىمەكتە.

  چېڭ جىچياڭ دىۋاڭ سودا شەھەرچىسىدىكى يەككە تىجارەتچى بولۇپ، ھامىلىدارلار ۋە بوۋاقلار مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان 2000 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئىككى دۇكىنى بار ئىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بۇ سودا شەھەرچىسى 1500دىن ئارتۇق يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى.

  دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىكى بىر بالىلار مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىدا، خىزمەتچى خادىم مال جازىسىدىكى پوسمىلارنى تولۇقلىماقتا.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىدا، بىر كۈنلۈك سودا سوممىمىز 8000 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن بىر كۈنلۈك سودا سوممىمىزنىڭ يېرىمى ئازلاپ كەتتى، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئىجارە ھەققى قاتارلىق چىقىملارنى كېمەيتكەن ۋە كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن 150 مىڭ يۈەن تىجەپ قالدۇق، بۇ پۇل ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، توردا سودا قىلىش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، دوۋيىن قاتارلىقلارغا كېڭەيتىپ، تىجارەتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى چېڭ جىچياڭ.

  دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىكى بىر دۇكاندا، خىزمەتچى خادىم مال جازىسىدىكى تاۋارلارنىڭ سانىنى ئالماقتا.

  دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىن باشقا، يەنە شىنجاڭ غەربىي يۇرت يىنىك سانائەت بازىسى(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەۋەلىكتىكى 800دىن ئارتۇق يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ئىجارە مۇددىتىنى كەچۈرۈم قىلدى ۋە  ئۇزارتىپ بەردى.

دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، خىزمەتچى خادىم مال جازىسىدىكى تاۋارلارنى تولۇقلىماقتا.

  دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، شەھەر ئاھالىلىرى بالىلار كىيىمى تاللىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى