شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شۆبە بانكىسىدىكى ئىككى ياش پىدائىي بۈگۈر ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئاقساراي كەنتىگە كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ئايال خالىدەم رەمىتۇلغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «ئانىلار پوسۇلكىسى»نى يەتكۈزۈپ بەردى. «ئانىلار پوسۇلكىسى» جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى يولغا قويغان ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «بىرگە بىر» ئىئانە قىلىش ئەندىزىسىنى قوزغاش ئارقىلىق، ئاساسلىقى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئانىلار پوسۇلكىسى»نى نامرات ئانىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك، ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ ياش پىدائىيلىرى خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 11 نامرات ئائىلىگە «ئانىلار پوسۇلكىسى» ئەۋەتتى. (جيەن شىنشۇەن فوتوسى)
«ئانىلار پوسۇلكىسى» ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىللىقلىق
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/04/03 11:10
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.