تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋۇخەندىن يولغا چىققان ياۋروپانىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ يىگۇاڭ، چىلىگېر خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ۋۇخەندىن يولغا چىققان، 166 توننا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە جىددىي ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى. بۇ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان ۋۇخەندىن يولغا چىققان تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) X8015 قېتىملىق پويىز 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو تۆمۈريول بىرلەشمىسى ۋۇخەن مەركىزىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئاخىرقى نۇقتىسى گېرمانىيەدىكى دۇيسبۇرگ. بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزغا بېسىلغان %90كە يېقىن مال ۋۇخەندىكى يەرلىك كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان، جەمئىي 50 ۋاگون 100 ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، مال ئېغىرلىقى 408 توننا، قىممىتى 3 مىليون 920 مىڭ دوللار. بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان توقۇلمىسىز رەخت، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەل رەختى قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى بولۇپ، جەمئىي 19 كونتېينېر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 166.4 توننا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، خەۋەرلىشىش ئوپتىك تالاسى ۋە ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار بار.

نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تارماق ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتتى. ئالاتاۋ پورتىدىكى تاموژنا خادىمى ئەلقەمجان كېرەم مۇنداق دېدى: «ئالاتاۋ تاموژنىسى مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، 24 سائەتتە قاچان كەلسە شۇ چاغدا قويۇپ بېرىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى».

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) 2012 - يىلى 10 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان بولۇپ، 2014 - يىلى دائىملاشقان تىجارەتنى يولغا قويغان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) X8015 قېتىملىق پويىزى قاتنىغاندىن بۇيانقى 1689 - قېتىملىق پويىز بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 12 كۈندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگقا يېتىپ بارىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى