تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋەقە، ئاپەتنىڭ كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شى جىنپىڭ سىچۇەننىڭ شىچاڭ شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

ۋەقە، ئاپەتنىڭ كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا، سىچۇەننىڭ لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسى مائەن كەنتىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈزبەردى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شامال يۆنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، شامال بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ئوتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي 19 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى. نۆۋەتتە، تاغدىكى ئوت داۋاملىق ئۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ.

ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كۈچلەرنى تېزدىن توپلاپ ئىلمىي قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئوت ئۆچۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر دەل ئورمان ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، يېقىندا سىچۇەن، يۈننەن، فۇجيەن، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈزبەردى، چىڭمىڭنىڭ، ئەتىيازلىق تاشقىننىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى قوشقاندا، ئوت ئاپىتى، كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى گەۋدىلىك بولىدۇ، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش بىلەن بىللە، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتى، لاي - شېغىللىق ئېقىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەقە، ئاپەتنىڭ كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تاغدىكى ئوتنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۆچۈرۈپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، ئوت كەتكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆپ قېتىملىق ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە خادىملار ئۆلۈپ كېتىش - يارىلىنىشتەك ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا دەرھال ئەۋەتتى ھەم دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ياردەم بېرىشكە جىددىي كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. سىچۇەن ئۆلكىسى، لياڭشەن ئوبلاستى كۈچ تەشكىللەپ ئوت ئۆچۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىنى جىددىي يۆتكىمەكتە ھەم ئەتراپتىكى مەكتەپ، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇن ۋە ئورۇنلاردا قوغداش تەدبىرى قوللانماقتا. نۆۋەتتە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.