تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

تەن دۇڭ: ھاياتى بىلەن سادىقلىقنى قارلىق تاغ چوققىسىغا پۈتتى

تەن دۇڭنىڭ قار - شىۋىرغانغا قارىماي تاغ يولىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ماتېرىيال سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋۇ شياۋيىڭ) «دادا، مەن چوقۇم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن، ئانامغا چوقۇم ياخشى قارايمەن، بوۋام - مومامغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزىمەن، سىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بولىمەن.» 11 يىلنىڭ ئالدىدىكى قىشتا، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ دايى ناھىيەسى شىلىڭ قارلىق تاغ باغرىدىكى جىنتۇپو قەبرىستانلىقىدا تەن لىنلىڭ دادىسى تەن دۇڭنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ۋەدە بەردى.

تەن دۇڭ، ئەر، 1963 - يىلى تۇغۇلغان، 1986 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ھايات چېغىدا سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى دايى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شىلىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان.

1999 - يىلى، تەن دۇڭ ھەربىي فورمىسىنى سېلىۋېتىپ، ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، ئادەتتىكى بىر خەلق ساقچىسى بولغان. ئۇ خەلقنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شارائىتى جاپالىق ئېگىز سوغۇق رايوندا ئۇزاق يىل كۈرەش قىلغان. 2004 - يىلى، تەن دۇڭ شىلىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئالمىشىپ بارغان. شىلىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى تەۋەلىكىدە 60 نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان ئەگرى - توقاي تاغ يولى بولۇپ، ئون نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان يېزا يولىدا ئادەم ئېقىمى مىقدارى كۆپ، يول ئەھۋالى مۇرەككەپ ئىدى، ئۇ باشتىن - ئاخىر قىسىمنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلىگەن.

2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، تەن دۇڭ مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە چىقىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، نەشتەردەك سانجىلىدىغان سوغۇق دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، ئون مىنۇت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ئېغىر زۇكام بولغان، لېكىن ئادەم يېتىشمەسلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىل يېقىنلاپ قالغانلىقى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغانلىقىنى ئويلىشىپ، ئۇ دەم ئېلىشقا رۇخسەت سورىمىغان. 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچتە، تەن دۇڭ خىزمەت ئورنىدا ھوشىدىن كېتىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ۋاپات بولغان.

ماتەم مۇراسىمى كۈنى، نەچچە يۈز ئامما ئۆزلۈكىدىن خەلقنىڭ بۇ ياخشى ساقچىسىغا تەزىيە بىلدۈرۈشكە كەلگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى رەھبەرلەر، خىزمەتداشلار كەلگەن، ئەسكەر بولغان چاغلىرىدىكى سەپداشلىرى كەلگەن، يۇرتى سۈينىڭدىكى ساۋاقداشلىرى، يۇرتداشلىرى كەلگەن، ئۇ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ئامما كەلگەن، ئۇ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغۇچىلار كەلگەن، ئۇ جەرىمانە قويغان قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلارمۇ كەلگەن...

«قىروۋ باسسىمۇ گەر زېمىننى، ئوتلۇق قەلب ئىللىتار كىشىلىك ھاياتنى» «ھەربىي، ساقچى بولۇپ ياخشى نام قالدى ئۇنىڭدىن، ۋاپادار ئوغۇل، مېھرىبان ئاتا، ياخشى ئەر ئاتىلىپ»... قاتار تىزىلغان گۈلچەمبىرەكلەر، ھەربىر تەزىيەنامىگە كىشىلەرنىڭ قايغۇسى سىڭگەن بولۇپ، قەھرىماننىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغانىدى. شوپۇر جۇلىن شۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۇ ھەيدىگەن پىكاپ كۆۋرۈك بېشىدىن ساي يولىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، قاراڭغۇدا ئۇ يەنە ئېھتىياتسىزلىقتىن سۈيىنىڭ سوغۇقلۇقىدىن سۆڭەككە ئۆتىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كەتكەن. «بىز ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ!» قىش يامغۇرى توختىماي يېغىۋاتقان بولسىمۇ، تەن دۇڭ چاپىنىنى سېلىپ، ئارغامچىنى ئۆزىنىڭ بېلىگە باغلاپ، تېز ئېقىۋاتقان مۇزدەك سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، بار كۈچى بىلەن توڭلاپ قېتىپ كەتكەن جۇلىننى قۇتقۇزۇپ چىققان.

دايى ناھىيەسىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋۇ زېشۇ شۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، 2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇ ھەيدەپ ماڭغان موتوسىكلىت مەنزىرە رايونى يولىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. تەن دۇڭ بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئېغىزنى ئېغىزغا توغرىلاپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى مەينەت قان ۋە مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاپ چىقارغان ھەم دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يۈرەك - ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن.

تەن دۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن نام بېرىلگەن، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامنى تولۇقلاپ بەرگەن، چېڭدۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پۈتۈن شەھەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى تەن دۇڭدىن ئۆگىنىپ «چوڭ زىيارەت قىلىش» خەلقنى سۆيۈش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.

تەن لىنلىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ يولىنى تاللاپ، قېنىق كۆك رەڭلىك ساقچى فورمىسىنى كىيدى. «دادام قۇربان بولغاندىن كېيىن، مەن بۇ ئاددىي، ئەمما ئالىيجاناب كەسىپنىڭ ئەھمىيىتىنى − خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى، ھايات - ماماتلىق پەيتتە خەتەرگە دۇچ كەلسىمۇ قورقماسلىقنى تەدرىجىي چۈشەندىم. بۇ يول سادىقلىق ھەم ئىسسىق قان بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق - مۇقىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يول ئىكەن، مەن دادام تاماملىيالمىغان ئىشقا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمەن، بۇ يول مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا ئەرزىيدۇ» دېدى تەن لىنلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى