تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جېڭ شاڭجىڭ: «مېنىڭ يىلتىزىم تۇپراقتا»

جېڭ شاڭجىڭنىڭ سۈرىتى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن بىفېڭ) «مەن بىر دېھقان ئوغلى، مېنىڭ يىلتىزىم تۇپراقتا.» بۇ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن شەھىرى لۇڭلىڭ ناھىيەسى پىڭدا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى جېڭ شاڭجىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا دېگەن سۆزى.

«يېزىلارنىڭ خىزمىتى، دېھقانلارنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى كونكرېت، مەن قولۇمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن، بىرنى ياخشى قىلسام بىرگە ھېساب.» ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، چىن كۆڭلىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.

«پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» ئۈچۈن، جېڭ شاڭجىڭ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تەھرىرلەپ، ئىشلەپ، رادىيو پىروگراممىسى تەسىس قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى پۈتۈن ناھىيەدە كېڭەيتىلدى.

«ھازىر دېھقانلار تېخى باياشات ئەمەس، بىز باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، خىزمەتنى ئالدىدا ئىشلىسەكلا، دېھقانلار ئاندىن بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ئىشىنىدۇ ۋە قوللايدۇ» دېدى جېڭ شاڭجىڭ.

ئۇ مۇناسىۋەت باغلىغان پىڭئەن كەنتىدە تاماكا قۇرۇتۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى تۇرغۇزدى، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تاماكا تېرىش جەريانىغا تېخنىكا جەھەتتىن ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى ھەم ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مۇناسىۋەت باغلىغان خېۋېي كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، «باي كەنتلەرنىڭ چاي كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك كەنتلەرنىڭ ئورمانچىلىقىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ياڭاق، شىخۇ، تاماكا قۇرۇتۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى رەتلەپ چىقتى.

قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گەۋدىسى كەڭ كۆلەمدە غۇلاپ چۈشۈشتەك ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جېڭ شاڭجىڭ خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، تاغ گەۋدىسىنىڭ ھەر ۋاقىت گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى بولۇش خەۋپىگە قارىماي، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، بۇيۇملارنى يۆتكىدى ھەم دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسال تۈزەش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىدىن 500 نەچچە ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋېلىپ، 120 ئەرزىيەت دېلوسىنى بىۋاسىتە بېجىرىپ، 110 دېلونى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، جېڭ شاڭجىڭ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئېتىزلارغىچە يەتكۈزدى، شۇ جايدىكى ئامما ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «جېڭ مۇئەللىم» دەپ ئاتىدى.

ھاردۇق يېتىپ كېسەلچان بولۇپ قالغان جېڭ شاڭجىڭ 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خىزمەت ئورنىدا بەختكە قارشى قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئاران 38 ياشتا ئىدى.

2010 - يىلى لۇڭلىڭ ناھىيەسىدە جېڭ شاڭجىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلدى ھەم باۋشەن شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تەشۋىقات تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى. كۆرگەزمىخانىدا جېڭ شاڭجىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەۋەررۈكلىرى تىزىلغانىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇزاق يىل ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا چېپىپ يۈرگەن تېلېكامېرا ۋە خاتىرە دەپتەرلەر كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى، كىشىلەر پارتىيەنىڭ بۇ ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ تاغلىق كەنتكە رىشتە باغلاپ، خەلقنى بېيىتىش، يېزىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشتەك ساپ قەلبىنى ئەسلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇڭلىڭ ناھىيەسى جېڭ شاڭجىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سانائەت، ئېگىزلىك خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك قىلىش، ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتە تەڭ يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق تىرەك بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش»تىن ئىبارەت نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ چىقىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ناھىيە 2019 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، قالپاقنى تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جېڭ شاڭجىڭغا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

«دادامدا قەتئىي تەۋرەنمەس بىر قەلب بار» دېدى جېڭ شاڭجىڭنىڭ قىزى جېڭ ۋېنلۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى