تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى خۇڭجۇەن: قان ئىچىدە يىقىلغان بولسىمۇ بۇلاڭچىنى قويۇۋەتمىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ تېلېگراممىسى (مۇخبىر زېڭ ۋېي) لى خۇڭجۇەننىڭ قۇربان بولغىنىغا 12 يىل بولدى، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بۇ قەھرىماننى ئىزچىل ئۇنتۇپ قالمىدى.

لى خۇڭجۇەن، يىزۇ، 1978 - يىلى تۇغۇلغان، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزىدىن. 2000 - يىلى 9 - ئايدا خۇڭخې ئوبلاستلىق خەلق ساقچى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مېڭزى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان، 2007 - يىلى 9 - ئايدا مېڭزى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جىسۇن ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. خىزمەت مەزگىلىدە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئىككى قېتىم شەھەرلىك ئىدارىنىڭ تەغدىرلىشىگە ئېرىشكەن؛ ئۇ مەسئۇل خادىملىقنى ئۈستىگە ئالغان خۇڭخې مەيدانى قاراۋۇلخانىسىغا «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن.

خەتەر ئالدىدا، لى خۇڭجۇەن ھەمىشە ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتەتتى. 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، لى خۇڭجۇەن خوتۇنى فۇ شۇمېي بىلەن ئوتتۇرا ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرىغا قىشلىق كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بارماقچى بولغان، سائەت 19دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئۇلار مېڭزى يۆياتاڭنىڭ يېنىدىكى جېنشىڭ سودا سارىيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز جىددىي قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىغان، لى خۇڭجۇەن سىنچىلاپ قاراپ، بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنىڭ بىلىكىدىكى ئالتۇن بىلەزۈكنى بۇلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

لى خۇڭجۇەن تېزدىن ئېتىلىپ بېرىپ گۇماندارنى يەرگە يېقىتقان، دەل مۇشۇ پەيتتە، گۇماندارنىڭ شېرىكى ياندىن ئېتىلىپ چىقىپ لى خۇڭجۇەننىڭ كۆكرىكىگە پىچاق تىققان، بۇلاڭچىنىڭ پىچىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىۋەتكەن، شۇ ھامان ئىسسىق قان ئېتىلىپ چىققان، ئېغىر يارىلىنىپ قان ئىچىگە يىقىلغان ئۇ يەنىلا بۇلاڭچىنى چىڭ تۇتۇۋالغان.

پىچاق ئەجەللىك يېرىگە تىقىلىپ قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، لى خۇڭجۇەن بارا - بارا ماغدۇرسىزلانغان، بۇلاڭچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن. فۇ شۇمېي ئېرىنىڭ قان ئىچىگە يىقىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى يۆلىگەن، لى خۇڭجۇەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويماڭلار» دېگەن. بۇ لى خۇڭجۇەننىڭ خوتۇنىغا دېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى ئىدى.

لى خۇڭجۇەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن خۇڭخې ئوبلاستلىق 1 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان، ئاخىرىدا يۈرەك تېشىلىش يارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانسىراش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 19دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 30 ياشتا ئىدى.

لى خۇڭجۇەننىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىق قايغۇلۇق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما ھەمدە ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەھبەرلىرى، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر قايغۇغا چۆمگەن. 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما قەھرىمان لى خۇڭجۇەن بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم ئۆزلۈكىدىن ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىغا پۇل ئىئانە قىلغان.

لى خۇڭجۇەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىزچىل جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ۋەقە كۆپ يۈزبېرىدىغان يول بۆلىكىدە قاتناش ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا «نۆل ئەرز قىلىش» رېكورتىنى ياراتقان. پەقەت 2007 - يىلى 9 - ئايدىن بۇيان، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ جەمئىي 7000 قېتىمدىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرگەن، قاتناشقا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن 5000دىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، جىنايەت گۇماندارىدىن ئۈچنى تۇتقان، ئوغرىلانغان تۆت ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

2009 - يىلى 7 - ئايدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، لى خۇڭجۇەنگە «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى