3-ئاينىڭ 30-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاھالىلىرى كۆنچى دەرياسى بويىدىكى پىيادىلەر يولىدا ماڭماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ خوۋۋېي خەۋىرى، فوتوسى): بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە شېئىرىي تۇيغۇغا باي گۈزەل مەنزىرە ئەكس ئېتىشكە باشلىدى، ھەر خىل رەڭدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇش پۇرىقى ھەر تەرەپكە چېچىلدى، كۆنچى دەرياسى بويىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ شاخلىرى يىنىك يەلپۈنۈپ، شەھەر رايونىدىكى يول، باغچا، مەيدان، كوچىلاردىكى باھار گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، رەڭدار تۈسكە كىردى، شاپتۇل چېچەكلىرى شەپەققە، ئۆرۈك چېچەكلىرى توزغاققا، نەشپۈت چېچەكلىرى ئاپپاق قارغا ئوخشاپ، بىر پارچە قېنىق رەڭلىك رەسىمنى شەكىللەندۈردى.