تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدىكى توققۇز خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىش ئېلان قىلىندى، ھەممىسى سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار

يېقىندا

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى

بۇ يىللىق توققۇز چوڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئېلان قىلدى

بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

1

 بۇ يىل

10 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن، ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدۇ

2

يېزا تاشيولى ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيولىدا

9989 كىلومېتىرلىق بىخەتەرلىك، ھاياتلىق مۇداپىئە قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ

 خەتەرلىك كۆۋرۈكتىن 39ى ئۆزگەرتىلىدۇ

3

«قاتناش+ساياھەت» يولغا قويۇلىدۇ

توققۇز چوڭ قۇرۇلۇش يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرىلىدۇ

بۇلار S101 ئۈرۈمچى-بايىنگوۋ قاتارلىق

تۆت سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش

G217 مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ بۇزۇلغان، خەتەرلىك جايلىرىنى تولۇقلاپ رېمونت قىلىش

ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولى (ماتېرىيال سۈرەت). تيەن گوجيەن فوتوسى

4

قاتناش-تىرانسپورت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ

5

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

ۋە ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىدا

ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىش، ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ

يەنخۇ، شياۋساۋخۇ قاتارلىق

10 جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ

12 جايدىكى ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسىدىكى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنىڭ

دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ

6

«شوپۇرلار ئائىلىسى» قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ

ئىككى-ئۈچ جايدا «شوپۇرلار ئائىلىسى» كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىنىپ

يېمەك-ئىچمەك، ئارام ئېلىش، رېمونت قىلىش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەش قاتارلىق

 ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن «شوپۇرلار ئائلىسى» تىجارەت مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرۈلىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يەنئەن يولى مۇلازىمەت رايونى «شوپۇرلار ئائىلىسى» ئارام ئېلىش رايونى (ماتېرىيال سۈرەت). مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

7

يېشىل تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ

8

يېزا تاشيوللىرىنىڭ تىجارات مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ

يېزا-بازار ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن 17سى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ

يېزا ئەشيا ئوبوروتى 3-دەرىجىلىك تور قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ

يېزا ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولغان بىردىن ئىككىگىچە تىپىك ناھىيە، شەھەر  يېتىشتۈرۈلىدۇ

شەھەر-يېزا قاتناش-تىرانسپورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

9

يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل يولى

مۇھىم، چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ھەقسىز يۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ

3-ئاينىڭ 26-كۈنى، قورغاس شەھىرى ئالاھىدە زور كۆۋرۈك قاتناش ئۇل قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

بۇنىڭدىن باشقا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ

شىنجاڭنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۈرلەردە

قۇرۇلۇش ۋاقتى چىڭ تۇتۇلۇپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا

3-ئاينىڭ 30-كۈنى

G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقچىسەككىزتاش تاشيول

قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ

2022-يىلى پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى

ئاقچىسەككىزتاش تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ

باشلىنىش نۇقتىسى ئاقچى ناھىيەسىدە بولۇپ

ئاخىرقى نۇقتىسى ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى قىلىنغان

لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 254.8 كىلومېتىر

پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولىنىڭ 2-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى