تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قورغاس ناھىيەسى: مېۋىلىك دەرەخ دېھقانلارنىڭ بېيىشىنى تېزلەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پاتىمە خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى داشىگۇ يېزىسى چەت ئاقسۇ كەنتىدە ئېتىز-ئېرىق بېشى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، بۇ يېزا 100دىن ئارتۇق يېزا، كەنت كادىرىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنى خۇاڭ يۈەنشۈەي كۆچىتى تىكىشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

  ئىگىلىشىمچە، خۇاڭ يۈەنشۈەي تېرىقچىلىقى داشىگۇ يېزىسىنىڭ زاكازلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ يىل يېزا بويىچە جەمئىي 900 مو يەرگە يېڭىدىن خۇاڭ يۈەنشۈەي تېرىلغان. ھازىرغا قەدەر، بۇ يېزىدا 3907 مو يەرگە خۇاڭ يۈەنشۈەي تېرىلغان بولۇپ، بۇ 393 ئاممىغا چېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 98ى بار بولۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، چوڭ داشىگۇ يېزىسى قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى