شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەندۇڭ زاۋجۇاڭ شەھىرى يىچىڭ رايونى ليۇيۈەن بازىرى ۋاڭجۇاڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شەندۇڭ بېيتەيخې ساپال چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئىستاكان، چىنە-چەينەك قاتارلىق 4000دىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا پائال كۈچ قوشۇپ، 400دىن ئارتۇق كارخانا ئىش-ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچى ۋە نامرات كەنت ئاھالىسى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. (فەن چاڭگو فوتوسى)