تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شى جىڭۋېن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۈنەس دەرياسى بويىدا، ئىككى چوڭ تىپتىكى ماشىنا يوشۇرۇن خەۋپى بولغان دەريا يولىنى تەرتىپلىك تازىلاپ، كەلكۈن چىقىرىش، كەلكۈن قويۇۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
ئەتىيازدىكى قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كۈنەس ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى تارماقلارنى كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، كەلكۈندىن بۇرۇن چارلاپ تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەكلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تۈرلۈك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ھازىرغىچە، بۇ ناھىيە 1 مىليون 339 مىڭ 600 يۈەنلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن 116نى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئەتىيازلىق قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.