تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قار تېيىلىش كوماندىسى توردا مەشىق قىلىپ ماھارىتىنى ئۆستۈردى

خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جى فاڭ): بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بىر قېتىملىق ئۆزگىچە بولغان «تور»دىكى مەشىق ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن بۇرۇن جەنۇبىي قۇتۇپتا قار تېيىلغان ماھىر فېڭ جىڭ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان جەرياندىكى تەجرىبە ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئەزالار بىلەن ئورتاقلاشتى.

قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ۋاڭ جۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى، فېڭ جىڭنىڭ بۇ قېتىمقى توردا تەربىيەلەش دەرسىدە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

قار ئۈستى تۈرى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاقىدار سىناق مۇسابىقىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «ئەل ئىچى تالانتلىقلىرى»نى قېزىپ، مۇسابىقىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ھازىر قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزاسى بار. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇلارنى بىر قاتار كەسىپلەشكەن تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە سىناق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، قار ئۈستى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى ھازىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى