تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز  جاۋ مىن، رېن چۈنشياڭ، جاڭ شىنجۈن، دوۋ شىنجۈن) باھار گۈللىرى ئېچىلغاندا، قەھرىمانلار زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 158 ئەترەت ئەزاسى بۇرچىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، دەم ئالىدىغان مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتى. ئۇلارنى شىنجاڭغا قايتىپلا ئېغىزغا تېتىغۇدەك يۇرت تامىقىغا ئېغىز تەككۈزۈش ئۈچۈن، مېھمانساراي مەخسۇس ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ، پولو ۋە تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلارنى تەييارلىدى.

     ئەمەلىيەتتە، بۇ، يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەيسىرانە جەڭ قىلغان قەھرىمانلارنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى خالاس. ئىگىلىنىشىچە، ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمەتچىلىرى بۇ ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ،  مېھمانسارايدا مېھرى ئىسسىق بىر «كىچىك ئائىلە» ھازىرلىغانىدى.

     مۇخبىر تېببىي خادىملار 14 كۈن دەم ئالىدىغان بۇ مېھمانساراي ياتاقلىرىغا كىرگەندە، «قەھرىماننىڭ ئۆيگە قايتقىنىنى قارشى ئالىمىز»، «قەھرىمانلارغا ئېھتىرام»، «باھار گۈللىرى ئېچىلدى، قەھرىمانلار ئۆيگە قايتتى» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان كىچىك كارتىلارنىڭ ئۈستەللەرگە تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى، كارىۋاتتا قۇچىقىغا شاكىلات ۋە «ئەمدى سىزگە مەن ھەمراھ بولاي، سىزنى سۆيىمەن» دېگەن خەت يېزىلغان كارتا قويۇلغان بىر قونچاق ئېيىقچاق بولۇپ، ياتاققا كىرگەنلا كىشىگە تولىمۇ ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى. تېببىي خادىملارنىڭ بۇ مەزگىلدە ماسكا تاقاۋېرىپ جاراھەت بولۇپ كەتكەن يۈزىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار يەنە نەملىك ساقلاپ تېرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە يۈز چاپلاق تەييارلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.

     بىر ئاچقۇچ ئاسقۇ، ئىككى كىتاپ، بىر خاتىرە دەپتىرى، بىر قەلەم، بىر ئىستاكان، بىر كۈنلۈك ... ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى  ئۇلار ئۈچۈن، كىتاب سوۋغاتلىقى تەييارلىغانىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان ئابدۇرېشىتنىڭ دېيىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 12 تېببىي خادىمنى ئاجراتقان بولۇپ، ئەگەر دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىدا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بىرىنچى ۋاقىتتا تەرتىپ بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ  پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ساۋ يوڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش ئەترىتىنى قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى، سايباغ رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە كۈتۈۋالىدىغان مېھمانسارايدىن ئورتاق تەشكىللەنگەن ئارقا سەپ كاپالىتى گۇرۇپپىسى  ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمىتى، تەن ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى