3-ئاينىڭ 31-كۈنى، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شيامېن ئاۋىياتسىيەسى ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 275 نەپەر ئەترەت ئەزاسى ۋەزىپىنى تاماملاپ، شيامېن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شيامېن گاۋچى خەلقئارا ئايروپورتىغا بىخەتەر يېتىپ كەلدى. ئارقىدىن ئۇلار ئايرىپ دەم ئالدۇرۇش نۇقتىسىدا 14 كۈن تېببىي ئايرىپ كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى يەنە 452 نەپەر ئەترەت ئەزاسى فۇجوۋ چاڭلې خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېي پېيچۈەن فوتوسى)