شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭشىڭ تەۋەلىك رايونىدا كۆكتاتلارنىڭ تۇپرىقىنى بوشىتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. باھاردىكى 3-ئايدا، تۇرپان شەھىرىدىكى ئېتىزلىقلاردا ئالدىراشلىق مەنزىرىسى نامايان بولدى. (ليۇ جيەن فوتوسى)
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى جىلمىلىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ھويلا-ئارانلىرىغا كۆكتات تېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. كۇچا شەھىرى دېھقانلارنى خاس ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. (نىياز راخمان فوتوسى)