تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

گۇڭچۈ سىلى: بەختلىك يۇرت - ماكاننى قوغدىغان قارلىق تاغ بۈركۈتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا چىلۇڭ

گۇڭچۈ سىلىنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭ شىڭلياڭ فوتوسى)

شياڭگېلىلا − يۈننەننىڭ غەربىي شىمال ئېگىزلىكىدىكى ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ جەلپكار جاي بولۇپ، زاڭزۇ تىلىدا «قەلبىمدىكى قۇياش ۋە ئاي» دېگەن مەنىدە. شياڭگېلىلانى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك يۇرت - ماكانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 24 يىلدا، دىچىڭ شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى گۇڭچۈ سىلى يۈننەننىڭ غەربىي شىمال ئېگىزلىكىدىكى ھەربىر سۇڭ يەرنىمۇ ئالا قويماي ئارىلاپ چىقىپ، پۈتۈن زېھنى ۋە ۋۇجۇدىنى زاڭزۇلار رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئاتاپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

لاسا «14 - مارت» ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ قارلىق تاغدىن ھالقىپ، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىغا بېرىپ، كەنت - مەھەللىلەرگە كىرىپ، بۇتخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، توپتوغرا تۆت ئاي ۋاقىتتا، دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۈچ ناھىيەسىدىكى 29 يېزا - بازارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان. 46 - مەيدان دوكلاتنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ چارچاپ ھالىدىن كەتكەچكە دەرمانسىزلىنىپ ئوتلاقتا ئولتۇرۇپلا قالغان.

گۇڭچۈ سىلى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قەلبىگە پۈككەچكە، ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەن، گېلىدىن تاماق ئۆتمىگەن. ئۇ شۇ جايدىكى 200دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ئاممىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلىگەن، كۆكتات چۆنىكىنى تۈزلەش، كۆكتات ئۇرۇقى چېچىشتىن تارتىپ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كۆكتات جازىسى ياساشقىچە قولمۇقول ئۆگەتكەن. گۇڭچۈ سىلىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، دىچىڭ كوچىلىرىدا تۇنجى قېتىم كۆكتات ساتىدىغان زاڭزۇ كەنت ئاھالىلىرى پەيدا بولغان، يەنە كۆكتاتنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىدىغان كەنت بارلىققا كەلگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 21 ئالاھىدە باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلغان. ئۇ مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، دوختۇرلارنى باشلاپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى، قان بېسىمىنى بىرمۇبىر ئۆلچەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، كېسەلگە قاراپ دورا بەرگەن.

تاغدىن چىقىدىغان تاشيولنى زېتۇڭ كەنتىگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېشى 50كە يېقىنلاشقان گۇڭچۈ سىلى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن زەربىدارلار ئەترىتىنى باشلاپ، تاغ يېرىپ تاش پارتلىتىپ، قىر ياساپ، يول ئېچىپ، 17 قېتىم نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك يارغا يامىشىپ چىقىپ، پارتلىتىش تۆشۈكى ئېچىپ، پارتلاتقۇچ دورىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرىم يىلدا 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاغ ئايلانما يولىنى ياسىغان؛ شىنياڭ كەنتى ۋە لارېن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاكىز سۇ ئىچىشى ئۈچۈن، گۇڭچۈ سىلى سەككىز خەلق ئەسكىرىنى باشلاپ، توققۇز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 28 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېڭچى تېغى ئېتىكىدىن سۇ مەنبەسىنى تاپقان. قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قىش كۈنلىرىدە، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قۇرۇلۇش قىلىپ، يۇرتداشلارغا ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ باشلاش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ بەرگەن.

نامرات ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش گۇڭچۈ سىلىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ئىدى. ھەر قېتىم يېزىغا چۈشكەندە، ئۇ ئاپتوموبىلغا گۈرۈچ، كونسېرۋا، كىيىم - كېچەك ۋە يوتقان - كۆرپىلەرنى سېلىۋالاتتى. شۇ جايدىكى ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار ۋە نامرات ئائىلىلەرنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ئۇلارغا نەرسىلەرنى بۆلۈپ بېرەتتى. ئۇ نىبۇ بوۋاي بىلەن مۇڭداشقاندا، كەنتتىكى 70 ياشتىن ئاشقان 25 ياشانغان كىشىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈسى بارلىقىنى بىلىپ، ئائىلىسىدىكى بارى - يوقى 8000 يۈەن ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ، يەنە ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بېرىپ بىر قىسىم خىراجەت ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنى بېيجىڭغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ يەنە كاڭ شيۇيىڭ، جى شىنمېي قاتارلىق نامرات بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن، يېتىم بالا لوساڭ دۈنجۇنى تاكى چوڭ بولۇپ قۇرامىغا يەتكۈچە باققان.

2007 - يىلى، شۆبە رايوننىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنلىك ئىش ئورنىدا ئون يىل خىزمەت قىلغان گۇڭچۈ سىلى بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ۋەزىپە ئۆتەش چېكىگە يەتتى، ئۇ ئەمدى كىشىگە يېقىشلىق كۇنمىڭدا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسە بولاتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرىنىڭ ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئېگىزلىكتە قېلىپ خىزمەت قىلىشىنى تەستىقلىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

2008 - يىلى، دىچىڭدا 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قېلىن قار ياغقان، ئۇدا ئون نەچچە كۈن، گۇڭچۈ سىلى جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە گۈرجەك بىلەن دۆۋىلىنىپ قالغان قارلارنى تازىلىغان...

گۇڭچۈ سىلى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت پارتىيە تاپشۇرغان ھەربىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، دەپ قارىغان. ئۇ ئۆزى ھېس قىلغان پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەربىر ئادەمگە يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ئارمىيە ئۈچۈن مەدھىيە ۋە ئالقىش ئېلىپ كەلگەن.

2009 - يىلى، ئەمدىلا 54 ياشقا كىرگەن ئۇ، ئۇزاق مۇددەت زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. 2010 - يىلى 8 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش گۇڭچۈ سىلىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇنەۋۋەر كادىر» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى