تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ نامراتلىقنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورناتتى

دەرىجىگە ئايرىپ ھەرىكەتچان ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۈەن چياۋچياۋ) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامراتلىق يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا تايىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەتچان ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل» تۆت خىل رەڭلىك سىگنال چىرىغى ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىپ سىگنال بېرىش، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجە بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇشنى قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا بايقاپ، دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتچان ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، چەت - ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەمدە يۇقۇم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تېز ئازىيىپ كەتكەن ياكى چىقىمى تېز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، كېسەل مەنبەسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىقى بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر ۋە چەت - ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ - يۆلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

نامراتلارنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ يەنى كىرىم ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئارخىپىدا تۆت خىل رەڭلىك سىگنال چىرىغى كۆرسىتىلىدۇ: كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشقان ھەم «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە يەتكەن بولسا، يېشىل سىگنال چىرىغى بەلگىسى ئارقىلىق دائىملاشقان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ كىرىمى 5000 يۈەندىن تۆۋەن 4500 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، سېرىق رەڭلىك سىگنال چىرىغى بەلگىسى ئىشلىتىلىپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجە بويىچە كىرىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش كونكرېت سەۋەبى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىنىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجە بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ياردەم بېرىش - يۆلەشكە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلىدۇ.

«ئىشسىزلىق، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىرىمى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن، كىرىمى 4000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولغان ئائىلىلەرگە قارىتا، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنال چىرىغى بەلگىسى ئىشلىتىلىپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجە بويىچە كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش كونكرېت سەۋەبى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىنىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قاراتمىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ» دېدى ما يىڭ.

ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر، چوڭ كېسەل قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆزىتىلىدىغان، سىگنال بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئائىلىسىدە تۇيۇقسىز زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدە بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، كىرىمى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 4000 يۈەندىن چۈشۈپ كەتسە، قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىكنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى ئارقىلىق، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلمىسا ئالاقىنى ئۈزمەيدۇ، خەلق ئىشلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەم ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارزۇسى بارلارنى ئاساس بويىچە تەربىيەلەش بىلەن زاكازلىق تەربىيەلەش، خاسلىق بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشچى ئىشلەتكۈچى كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش نىشانلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم ئەمگەك كۈچلىرى تۈركۈم - قېتىمغا بۆلۈپ سىرتقا چىقىرىشقا تەشكىللىنىدۇ.» ما يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى يوق، كەنت سىرتىغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىغانلار كەنت ئىچىدە ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، يول ئاسراش، تازىلىق قىلىش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغا قارىتا، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى