تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2246 كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئىچىدە پىلان بويىچە پەللىدىن چەتنەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان ۋە پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان كارخانىلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك 2021 كارخانىنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئادەم سانى 506 مىڭغا يېتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئادەم سانىنىڭ %98.4ىنى ئىگىلىگەن.

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ شىنيەن مۇشېن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخىدا، مۇخبىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچىلارنىڭ ماسكا تاقاپ، يەر ئاغدۇرۇش - رەتلەش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسى جازىسىنى ئالدىن قۇراشتۇرۇش ھەمدە موتور، ئاساسىي ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقى قاتارلىقلارنى قۇراشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ شىركەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش ئىسمېنا - گۇرۇپپىسى 1 - بەنىنىڭ بەنجاڭى ياڭ فېي مۇنداق دېدى: «بۇ بىر تۈركۈم 200 كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسى زاكاز ۋەزىپىسىنى ئىمكانقەدەر تېز تاماملاش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، قەرەلىدە خېرىدارغا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ».

بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى شۈ جياۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم مەزگىلىدە، شىركەت توردا زاكاز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى تورى ۋە كارخانا تور بېكىتى ئارقىلىق توردا زاكاز قوبۇل قىلىپ، 1 - پەسىلدە 400 زاكاز تالونى قوبۇل قىلدى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى. بۇ يىل تۈرلۈك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىدىن 1800نى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى تاماملايدۇ. بۇ شىركەت يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سۇيۇقلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسى، لازا ئۈزۈش ماشىنىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا يىراقتىن مەشغۇلات قىلىش، ئاسراش ۋە ئارقا سۇپا سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تولۇق تايىنىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى ئاساسىي كەسپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىش ئاساس قىلىنغان خەلقئارالاشقان سەۋىيەگە ئىگە چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسىي ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن قوبۇل قىلىنغان زاكاز ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى بوش قالغان ئىش ئورنىغا خادىم تولۇقلاش ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قىسقا ۋاقىتتا تولۇق يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرى كارخانىلار توك ھەققىنىڭ %5ىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپلا قالماي، يەنە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىغا قايتقان خادىملارنى ئاپىرىپ ئەكەلدى. قومۇل ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ياسىمىچىلىق بازىسى بولۇپ، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، شامال ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش يانداش شامالدۇرغۇچى، مۇنار سىلىندىرى، چاقپەلەك قانىتى، فىلانېس، ماشىنا بۆلمىسى قېپى قاتارلىق جابدۇقلارنى ياساش پۈتۈن يۈرۈشلۈك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، بۇ يىل سېتىش سوممىسىنى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ كارخانىدا تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ۋە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «بىرگە بىر» ئالاقىلىشىش خادىمى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلاردا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش جەريانىدا ساقلانغان كونكرېت مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىغا بولغان زەربىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 تۆۋەنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 12.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى