تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقچى − سەككىزتاش تاشيول تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقچى − سەككىزتاش تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 2022 - يىلى پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى.

«گەرچە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شيەنجۈن مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ قويدۇق، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ھەر كۈنى كۆپ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىمىز، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ماسكا تاقايدۇ ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا ئۆلچىتىدۇ، سىرتتىن كىرگەن - چىققان ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ، شوپۇرلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيمىز. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىپ يۇقۇم دەخلى قىلغان قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تىرىشىپ قايتۇرۇپ كېلىمىز».

ئاقچى − سەككىزتاش تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئاقچى ناھىيەسىدە بولۇپ، ئاخىرقى نۇقتىسى ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى قىلىنغان، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 254.8 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ. بۇ تۈر ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە كۈندىلىك سەپەرگە چىقىشتىكى مۇھىم تاشيول بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ يول يۈرۈش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت تاشيول تورى ۋە شىنجاڭ غول لىنىيە تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يول بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.

ئىلگىرى ئاقچى ناھىيەسىدىن ئاتۇش شەھىرىگىچە بولغان يولنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن، قاتناش ئەھۋالى مۇرەككەپ، قاتناش قولايسىز ئىدى. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئىككى جاينىڭ تاشيول دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مۇساپە بىر سائەت ئەتراپىدا قىسقىرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى