3-ئاينىڭ 30-كۈنى، جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ خەيجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا، ئىشچىلار تۇنىسقا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان خورمىنى ھاشارەتتىن ساقلاش خالتىسى ئىشلەپچىقارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ خەيجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، ئېكسپورت ئىشەنچ كاپالىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ بازارغا، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللاپ، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئېكسپورت زاكاز ئىشلەپچىقىرىشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)