تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شۆلۈن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالتاي بىلەن بۇرۇلتوقاي ئارىسىدا K6742، K6741 قېتىملىق ئىككى نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى جايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆت جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بېلەت باھاسى تۆۋەن، نۇقتىدىن نۇقتىغا بارىدىغان، ئاممىۋى قاتناش قىلىنغان يولۇچىلار پويىزى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە رايونى قاتنىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالتاينى ساياھەت قىلىش»نىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
«ئالتايدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيتۈنگە بارىدىغان پويىز بېلىتى ئارانلا 12.5 يۈەن، ئەرزان ھەم بىخەتەر ئىكەن، ھەپتە ئاخىرىدا سەھەردە يولغا چىقىپ بازار ئايلىنىپ، چۈشتىن كېيىن ئالتايغا قايتسا، ناھايىتى قولايلىق بولىدىكەن.» دېدى ئالتاي شەھىرى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىدىكى بىر كادىر.
ئالتايلىق ليۇ خانىم 3-ئاينىڭ 28-كۈنى مەخسۇس تۇنجى قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ سىناپ باقتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئالتايدىن بۇرۇلتوقايغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر پەقەت بىر يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ بىر كۈندە تۆت نۆۋەت قاتنايدىكەن، ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق ئىكەن.»
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالتايدىن بۇرۇلتوقايغا قاتنايدىغان ئاممىۋى قاتناش قىلىنغان پويىزنىڭ قاتنىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى ئىككى ھەقسىز ئاممىۋى قاتناش تېز لىنىيەسىنى يولغا قويغان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋىلايەتلىك سىفەن مەكتەپ، شىمالىي رايون ئائىلىلىكلەر قورۇسى بېكەتلىرىدىن ئالتاي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. ئاپتوبۇس تېز لىنىيەسى پويىز قوزغىلىشتىن 90 مىنۇت بۇرۇن قوزغىلىدىكەن، پويىز ۋوگزالغا كېلىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ۋوگزالدىكى ئاپتوبۇس توختاش نۇقتىسىدا ساقلاپ تۇرىدىكەن، يولۇچىلار شۇ كۈندىكى پويىز بېلىتىگە ئاساسەن ھەقسىز ئاپتوبۇسقا چىقالايدىكەن.