تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى، ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدۇ

  2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» دېيىلدى) بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى، ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  كونكرېت پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەدەبىيات، سائەت 9:00دىن 11:30گىچە؛ ماتېماتىكا، سائەت 15:00تىن 17:00گىچە؛ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن / ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن، سائەت 9:00دىن 11:30گىچە؛ چەتئەل تىلى، سائەت 15:00دىن 17:00گىچە ئېلىنىدۇ.

  خۇبېي ئۆلكىسى، بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى