تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇتۇبى گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 7 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇ گاڭ، سۈن شاۋشيۇڭ خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى ___ قۇتۇبى گاز ساقلاش ئامبىرى 2013-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان جەمئىي 7 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  قۇتۇبى گاز ساقلاش ئامبىرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق گاز ساقلاش ئامبىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى چېگرادىن كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى گاز ساقلاش ئامبىرىدۇر. بۇ يىل قىشتا، قۇتۇبى گاز ساقلاش ئامبىرىدا كۈنىگە 3 مىليون كۇب مېتىر گاز ئېلىش ئىقتىدارى كۆپەيدى، ئەڭ كۆپ گاز ئېلىش مىقدارى كۈنىگە 24 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، جەمئىي 1 مىليارد 486 مىليون كۇب مېتىر گاز ئېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 68 مىليون كۇب مېتىر گاز كۆپ ئېلىنىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە مۇقىم گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى