شىنخۇا تورى خەۋىرى. (مۇخبىر يۈ جۈنجيې، ۋاڭ يوۋلىڭ) قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى ياڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە خەلقئارا يول تىرانسپورت پورتىدىن 65ى ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 34ى ھازىرغىچە ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەسىل سەۋەبى ياكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە پۈتۈنلەي تاقالدى. ھازىر 34 پورتتا پەقەت يۈك تىرانسپورت مۇلازىمىتىلا يولغا قويۇلۇپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. بۇ 34 پورتتىن ھەر كۈنى كىرىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇر، خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا. شياڭگاڭ، ئاۋمېن تەرەپتە، ھەر كۈنى شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن ئىچكىرى رايونلارغا كىرىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ سانى 8000غا يېتىدۇ.
ئېلىمىزدىكى 65 خەلقئارا يول تىرانسپورت پورتىدا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى توختىتىلدى
مۇھەررىر :
ساباھەت رەخىم
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/03/31 11:04
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.