تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى

تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالىشىدا بايقالغان مەسىلىلەر، مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈلگەن، كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ <باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى> توغرىسىدىكى ۋەزىپىنى تەقسىملەش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمەت لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق نامرات ناھىيەلەرنى چېكىندۈرۈشنى مەخسۇس باھالاش، تەكشۈرۈش خىزمىتى لايىھەسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇشتا، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالىشى ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىزىملىك دەپتىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، تۈزىتىشنى قەتئىي كەسكىن ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتە «كېيىنكى باسقۇچ»لۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەر، مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈلگەن، كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈندىلىك خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، تۈزىتىش ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قولدا تۇتۇپ، زىممىگە ئېلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتلەرگە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرمۇتۈر نىشانغا توغرىلاپ تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغىچە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، نەتىجىگە تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» نەتىجىسىدىن قەتئىي ياخشى پايدىلىنىپ، كۈندىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىقلاردا بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىرمۇبىر رەتلەپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىش، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىشنىڭ بارلىق نامرات ئائىلىلەرگىچە تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە بىڭتۇەن شى (شەھەر)، تۇەن (مەيدان)گىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.