تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى جۆرۇڭ: خەتەرلىك پەيتتە گىراناتنى پارتلاتقان قارا نىيەتكە ئېتىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ دېڭ) «ئۇ ساقچى فورمىسى كىيىپ تامغا يۆلىنىپ، تاپانچىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى تەرەپنى قارىغا ئېلىپ تۇراتتى.» لى جۆدۇ ئىككىنچى ئىنىسى لى جۆرۇڭنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن چاغدا، ئۇ يەنىلا جەڭ ھالىتىدە تۇرغانىدى.

لى جۆرۇڭ 1969 - يىلى 2 - ئايدا خەينەن ئۆلكىسى دەنجۇ شەھىرىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا دەنجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى داچېڭ، دۇڭچېڭ ساقچىخانىلىرىدا خەلق ساقچىسى، لەنشۈن ساقچىخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، ۋاڭ ۋۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى بولغان، ساقچى بولغان 15 يىلدا ئىزچىل ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان.

2000 - يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە، خې جېنتاڭ، خې دېڭتيەن باشچىلىقىدىكى قوراللىق بۇلاڭچىلار جىنايەت گۇرۇھى دەنجۇنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىدا غالجىرلارچە 17 قېتىم دېلو سادىر قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، قورال - ياراغ ئېلىپ - سېتىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان، خەلقنىڭ غەزىپى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان.

2005 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچ سائەت 7لەردە، دەنجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، لى جۆرۇڭ ۋە تۇتۇش ئەترىتىنىڭ تۆت ئەزاسى خې دېڭتيەننى تۇتماقچى بولغان. كەچ سائەت 8دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇلار دەنجۇ شەھىرى مۇتاڭ بازىرى شىنخې كەنتى دۇڭفاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېنىدىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئارقىسىدىكى بىر ئېغىزلىق كىچىك ئۆيگە بېرىپ ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا، خې دېڭتيەن بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە تاماق يەپ ھاراق ئىچىۋاتاتتى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەسەبىيلەشكەن خې دېڭتيەن يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان ئىككى دانە گىراناتنى پارتلاتقان. ئىنتايىن خەتەرلىك پەيتتە، سەپداشلىرى ۋە نەق مەيداندىكى بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، لى جۆرۇڭ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، خې دېڭتيەننى يىقىتقان چاغدا، گىرانات پارتلاپ، لى جۆرۇڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، 36 ياشلىق ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

لى جۆرۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلگەن، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان.

شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، لى جۆرۇڭ ھايات ۋاقتىدا ھەمىشە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇلارنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىپ بېرەتتىكەن. ئۇ لەنشۈندە خىزمەت قىلغان ئالتە يېرىم يىلدا دائىم يېزىغا چۈشكەن، لېكىن ئەزەلدىن ئاممىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ باقمىغان. چۈنكى ئۇ شۇ جاينىڭ كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىقىنى بىلەتتى.

لى جۆرۇڭ قۇربان بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى تەزىيە بىلدۈرۈش نەق مەيدانىغا بىر ئورۇق بوۋاي كېلىپ گۇەنسەينىڭ يېنىدا يېتىپ قاتتىق يىغلىغان. بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر لى ساقچىخانا باشلىقى بولمىغان بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىم.» بوۋاينىڭ ئىسمى لى يوۋجېن بولۇپ، 2003 - يىلى 7 - ئاينىڭ بىر كۈنى، ئۇنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ، بېشى ئاغرىپ چىدىيالماي، جىيەن ئوغلىنى دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى دەل كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن لى جۆرۇڭغا ئۇچراپ قالغان. لى جۆرۇڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا قارىماي، تېزلىكتە بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ھوشسىزلانغان بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇر: يېرىم سائەت كېچىككەن بولساڭلار، بوۋاينىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەر ئىكەن، دېگەن.

دەنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى لىن ياۋشېڭ لى جۆرۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ۋاڭۋۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: لى جۆرۇڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم قوراللىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بەش ئېغىر، زور ئاممىۋى خاراكتېرلىك قوراللىق ئۇرۇشۇش ۋەقەسىنى توسۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىش روھىدۇر. بۇنداق روھقا دەنجوۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىدا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىنماقتا.

«مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، بىرىنچى سەپتىكى كادىر - ساقچىلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇققا، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ. ئىككىنچى ئىنىم ئىلگىرى شۇنداق قىلغان، ھازىرقى خەلق ساقچىلىرىمۇ شۇنداق قىلماقتا» دېدى لى جۆدو.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى