تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جېڭ جۇڭخۇا: ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتۇلدۇرغان خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قەھرىمانى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ تېلېگراممىسى. (مۇخبىر ۋاڭ چېڭ) كەلكۈن كېلىپ ئامما قاپسىلىپ قالدى، مۇشۇنداق قىل ئۈستىدە تۇرغان پەيتتە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى بولۇپ كاتېرغا سەكرەپ چىقىپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. ئاممىنى ئېلىپ ماڭغان كاتېر تېز ئېقىندا كونتروللۇقىنى يوقاتقان پەيتتە، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن قوماندانلىق قىلغاچقا، ئالتە ئامما بىر - بىرلەپ كاتېردىن سەكرەپ چۈشۈپ خەتەردىن قۇتۇلدى، ئۆزى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ ئاران 23 ياشتا ئىدى.

ئۇنىڭ ئىسمى جېڭ جۇڭخۇا، فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى جياڭلې ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى 1 - بەنىنىڭ سابىق بەنجاڭى. ھەربىي سەپكە كىرگەن بەش يىلدا، ئۇ شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇپ باھالانغان، كۆپ قېتىم قىسىمنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. 2004 - يىلى 11 - ئايدا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جېڭ جۇڭخۇاغا «خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى.

2004 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جياڭلې ناھىيەسىدە كەلكۈن كەلگەن. چۈشكە يېقىن، ۋەنئەن بازىرىدىكى ئالتە ئامما قۇم سۈزۈش كېمىسىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتمىسۇن دەپ، قارا يامغۇرغا قارىماي كېمىنى باغلاپ مۇقىملاشتۇرغان. كەلكۈن شىددەت بىلەن يېتىپ كەلگەن، ئالتە ئادەم قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، كەلكۈن مەركىزىدىكى كىچىك ئارالچاققا قاپسىلىپ قالغان، شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان كەلكۈن ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ھاياتىنى يۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

جياڭلې ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، كوماندىر كاتېر بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ ئادەم قۇتقۇزۇشنى قارار قىلغان، جېڭ جۇڭخۇا بىرىنچى بولۇپ كاتېرغا سەكرەپ چىققان. بىراق قاپسىلىپ قالغان ئامما ئولتۇرغان كاتېر قايتىۋاتقاندا موتورنىڭ ئوتى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە قاراپ ئاققان. جېڭ جۇڭخۇا بامبۇك خادا بىلەن قىرغاقتىكى دەرەخ غولىنى ئىلىۋېلىپ، كاتېرنى مۇقىملاشتۇرغان ھەم ئالتە كەنت ئاھالىسىنىڭ كاتېردىن سەكرەپ چۈشۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىرغاققا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن. تۇيۇقسىز كىچىك دەرەخ بىراقلا سۇنۇپ كەتكەن، جېڭ جۇڭخۇا سۇغا سەكرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرغاققا قاراپ ئۈزگەن، بەختكە قارشى كەلكۈن دولقۇنى ئۇنى توسمىنىڭ ئاستىغا ئەكىرىپ كەتكەن . . .

«ياشلىق، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل. نۇرغۇن قۇرداشلىرىم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما مەن كۈنبويى سۇ ناسوسىغا ھەمراھ بولۇشنى تاللاپ، ھەر ۋاقىت چاقىرىققا بويسۇنۇپ كەلدىم. دۆلەتنىڭ مال - مۈلكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپ - خەتەردىن قورقمىدىم، بۇنىڭدىن مېنىڭ قىلچە پۇشايمىنىم يوق.» جېڭ جۇڭخۇانىڭ تەۋەررۈكلىرىنى رەتلىگەندە، سەپداشلىرى ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن مۇشۇ بىر بۆلەك سۆزنى تاپتى.

1999 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەندىن بۇيان، جېڭ جۇڭخۇا ھەر قېتىملىق ئوت ئۆچۈرۈش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ھەرىكىتىدە باشتىن - ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان يارىدارلارنى يۆتكىدى، كەلكۈن ئاپىتىدە زەربىدارلىق بىلەن قۇتقۇزدى ... ھەر قېتىملىق قان بىلەن ئوت، ھايات - ماماتلىق سىنىقى ئالدىدا، ئۆزىنىڭ تېنى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بىخەتەرلىك توسمىسى بەرپا قىلدى.

جېڭ جۇڭخۇا بىزدىن ئايرىلدى، لېكىن «جېڭ جۇڭخۇا روھى» ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭلې ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتى «خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قەھرىمانى» جېڭ جۇڭخۇانى ئۈلگە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان جېڭ جۇڭخۇا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى، جېڭ جۇڭخۇا مەدەنىي ئىش ئورنى، جېڭ جۇڭخۇا بەنى تەسىس قىلىپ، «قەھرىماندىن ئۆگىنىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. «جېڭ جۇڭخۇا روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەتلىك «مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى» خۇاڭ جۈنلۇەن، «فۇجيەن ياشلىرىنىڭ <4 - ماي> مېدالى ئۈلگىسى» جۇڭ شېڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى مەيدانغا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى