تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سۇڭ بىنشى: ئىسسىق قېنى بىلەن ئابىدە تىكلەش

سۇڭ بىنشىنىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت) (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن تېلېگراممىسى (مۇخبىر لياڭ شۇبىن) خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خاربىن شەھىرى نەنگاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى خېشىڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى سۇڭ بىنشى پىچاق تۇتۇۋالغان قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىپ ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولدى. بۇ ئاددىي مەھەللە خەلق ساقچىسى ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن خەلق ساقچىسىنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىدى.

سۇڭ بىنشى 1968 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، 1987 - يىلى 10 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان.

2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 20دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، خېشىڭلۇ ساقچىخانىسى خاربىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110دىن كەلگەن ۋېنشىڭ كوچىسى 57 - يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىگە يېقىن جايدا بىرەيلەننىڭ تاياق يېگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. نۆۋەتچى خەلق ساقچىسى سۇڭ بىنشى، جاڭ جېڭچيۇ دەرھال ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاتلانغان.

نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى جياڭ X ئەر - خوتۇن پۈتۈن بەدىنى ھاراق پۇراپ كەتكەن ئۈچ ئادەمنىڭ سەۋەبسىز جېدەل چىقىرىپ، جياڭ Xنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى كېلىشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، سۇڭ بىنشى بىلەن جاڭ جېڭچيۇ قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن گاۋ دۇڭنى توسۇۋالغان.

گاۋ دۇڭ قاچقۇدەك يول قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز خەنجىرىنى چىقىرىپ خەلق ساقچىسىغا تىقىشقا ئۇرۇنغان. كىشىنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدىغان سوغۇق نۇر چاقنىغاندەك بولغان، سۇڭ بىنشى تەبىئىيلا ئالدىغا ئۆتۈپ جاڭ جېڭچيۇنى بەدىنى بىلەن توسۇۋالغان، ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن ئىسسىق قان ئېتىلىپ چىققان. قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا، جاڭ جېڭچيۇمۇ پىچاق تىقىلىپ يارىلانغان.

ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، خەلق ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارىغا ئوق چىقارمىغان. سۇڭ بىنشى كۆكرىكىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىغا قارىماي، گاۋ دۇڭنىڭ يوتىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان، جاڭ جېڭچيۇ بېلىدىكى يارىنىڭ قاتتىق ئاغرىقىغا چىداپ تۇرۇپ ئۇنى يەرگە يىقىتقان، ئىككىيلەن ئەڭ ئاخىرقى كۈچى بىلەن ئۇنى بويسۇندۇرغان.

ياردەمگە كەلگەن خەلق ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سۇڭ بىنشى يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ قان ئىچىگە يىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى قولى بىلەن يەنىلا جىنايەت گۇماندارىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان.

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، سۇڭ بىنشى يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۆلۈم بىلەن 16 كېچە - كۈندۈز قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

سۇڭ بىنشى قۇربان بولغاندىن كېيىن، نەچچە مىڭ ئامما ئۆزلۈكىدىن ساقچىخانىغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈرگەن. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىغان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەرگەن.

«قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلگەن چاغدا، ئۇ ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتەتتى، خىزمەتلەردە تېخىمۇ ئالدىدا مېڭىپ، ئىشنى باشقىلاردىن بۇرۇن قىلاتتى.» خېشىڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى لى خۇڭچى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان سۇڭ بىنشىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلەپ بەردى.

2006 - يىلى قىشتا، ساقچىخانىنىڭ تەۋەلىك رايونىدا بىر قاتىللىق دېلوسى يۈزبېرىپ، جىنايەت گۇماندارى قاتىللىق قورالىنى بەيجياپۇدىكى بىر قاقاسلىققا تاشلىۋەتكەن. شۇ كۈنى يېڭىلا قار ياغقان بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى. قاتىللىق قورالىنى تېپىش ئۈچۈن، سۇڭ بىنشى خىرە يول چىرىغىنىڭ نۇرىدا، قارلىق يەرنى بىر سۇڭ - بىر سۇڭدىن ئاختۇرغان. بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى قاتىللىق قورالىنى تاپقاندا، ئىككى قولى مۇزلاپ قېتىپ قېلىپ، پىچاق دەستىسىنىمۇ تۇتالماي قالغان.

«باشقىلارنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارىم يوق، ساقچى بولغان ئىكەنمەن ساقچىدەك ئىش قىلىمەن. بەزىلەرنىڭ مېنى ياخشى دېيىشى ناتايىن، لېكىن مەن ھېچكىمنىڭ مېنى تىللىمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك» دەيتتى سۇڭ بىنشى دائىم.

سۇڭ بىنشىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل باياشات ئەمەس ئىدى، ئۇ تاكى قۇربان بولغۇچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرغان، ئۆزىنىڭ ئۆيى يوق ئىدى.

ئۇنىڭ «بېيىش» پۇرسىتى يوق ئەمەس ئىدى. سۇڭ بىنشى باشقۇرىدىغان تەۋەلىك رايونى خاربىن سىفەن داشۆسى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش رايونىغا تەۋە بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە نوپۇسىنى مۇشۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلايتتى. بىراق سۇڭ بىنشى ئەزەلدىن پىرىنسىپ بىلەن سودىلاشمىغان.

لېكىن ئۇ سىياسەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەن. تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە گېڭ بوۋاينىڭ خوتۇنى بىلەن توي قىلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، خوتۇنىنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولمىغان. سۇڭ بىنشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىپ بېجىرىپ بەرگەن، يەنە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نوپۇسنى بوۋايغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. بوۋاي رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلغان. «ئۇ سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنى ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ بېجىرەتتى، ئەزەلدىن <ئۈستەك> ئالمايتتى» دېدى خىزمەتداشلىرى.

سۇڭ بىنشى قۇربان بولۇپ ھازىرغىچە ھەر يىلى چىڭمىڭدا سەپداشلىرى ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. «ئۇ ئەينى يىلى دائىم ماڭا ئوخشاش يېڭى كەلگەن خەلق ساقچىلىرىغا كەسىپتە يېتەكچىلىك قىلاتتى، دېلونى قانداق بېجىرىش، ئامما بىلەن قانداق ئالاقە باغلاشنى ئۆگىتەتتى، گەرچە شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشلار ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە» دېدى خېشىڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ تيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى