تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇرچىن ناھىيەسى: جىغان كۆچىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىش دەرىخى بولۇپ قالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جارقىن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» كەسىپ تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە جىغان ئۆستۈرۈش كەسپى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئېچىل داستىخان»غا ئايلاندى.

  باھار كېلىپ، قار-مۇزلار ئېرىدى، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى چىگىتاي كەنتىدىكى دېھقان خەن چۈەنباۋ ناھايىتى خۇشال ئىدى، چۈنكى بۇلتۇر ئۇ تىككەن 12 مو يەردىكى جىغان كۆچىتى كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئۆسكەن بولۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۇ جىغان كۆچىتى كولاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  خەن چۈەنباۋ ئىلگىرى ئاساسلىقى بەزى ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىيتتى، تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ جىغان كۆچىتىنى سىناق قىلىپ تىكىشكە باشلىدى. ئىلگىرى، بۇرچىن ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدىغان جىغان كۆچىتى سىرتتىن ئېلىپ كېلىنەتتى، 2018-يىلى شۇ جايدا سىناق تەرىقىسىدە تىكىلگەن جىغان كۆچىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، خەن چۈەنباۋ يېزا ئىگىلىك كەسپى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، چىگىتاي كەنتىدە 5 مو يەرگە جىغان كۆچىتى تىكتى.

  كۆچەت تىكىش مەزگىلى كېلەي دېدى، ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ كۆچەت ئالىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، خەن چۈەنباۋ جىغان كۆچىتىنى ئالتاي ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە ساتقاندىن باشقا، يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ ساتىدۇ، شۇ كۈنى، ئۇ تېخى جىغان كۆچىتىنى كولاپ بولمايلا جىلىن ئۆلكىسىدىكى بىر شىركەتنىڭ جىغان كۆچىتى سېتىۋېلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ھازىر، %50تىن ئارتۇق جىغان كۆچىتى سېتىلىپ بولۇندى.

  ھازىر، بۇرچىن ناھىيەسى جىغان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر قولدا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر قولدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىنى ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، چۆچەكلەردىكىدەك بۇرچىن شەھىرىنى ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تېغى بار، ھەم بايلىقى بار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇرچىن ناھىيەسى يەنە ئاممىنى جىغان، قوغۇن، قارىقات قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، ھۆكۈمەت يۆلەش، يېتەكلەش، تارماقلار يانداش مۇلازىمەت قىلىش، نۇقتا تۇتۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق جىغان كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى