تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن ناھىيەسىدە 82 مىڭ 900 يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتىغا كىرىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يەن ۋېنخۇا، ياڭ جىچېڭ خەۋىرى): يېقىندا شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسىدە 82 مىڭ 900 يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنىپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ يىل ساۋەن ناھىيەسى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە تەقسىملەپ، تېخنىكلارنى ئائىلىلەرگە كىرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈندىدار توپى، كەنت ئەترەت چوڭ كانىيى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ساۋەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى «شياۋ خۇڭماۋ» تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنى ئەۋەتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلدى، 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، باش ئەتىيازلىق زىرائەتلەر تېرىلىشقا باشلىدى.

  ساۋەن ناھىيەسى دۇڭۋەن بازىرى نەنۋەن كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇستىسى ياڭ خەيلۇڭ چوڭ ئات كۈچىگە تىراكتور ۋە بىرلەشمە يەر تۈزلەش ماشىنىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش مەزگىلىدە، ئۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ نەنۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يىن چاڭۋېينىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، تەڭشەش خىزمىتىنى جايىدا ئىشلىدى.

  ياڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: «تىراكتور ۋە يەر تۈزلەش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشتا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دائىم كېلىپ ماڭا ياردەملەشتى، بولۇپمۇ موتورنى رېمونت قىلىشتا بەزى يەرلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم، ئۇلار ماڭا بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن تەڭشەپ بەردى. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مېنىڭ چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە ئىككى تىراكتۇرۇم ۋە يۈرۈشلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىم رېمونت قىلىنىپ بولدى. ئەمدى يەرنىڭ توڭى ئېرىگەندە، ئېتىزغا بېرىپ ئىش قىلالايدىغان بولدۇم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى